باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

گاس – گاچىلار تېلېفون ئۇرالامدۇ

      گاس – گاچىلار ئاڭلىيالمايدۇ ھەم سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۇنداقتا، ئۇلار تېلېفون ئۇرالامدۇ؟

      ئۇرالايدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ قۇلىقى گاس، تىلى گاچا بولسىمۇ، لېكىن كۆرەلەيدۇ، يازالايدۇ، ئۇلار گاس – گاچىلار تېلېفوندىن پايدىلانسىلا نورمان ئادەملەرگە ئوخشاشلا تېلېفون ئالاقە قىلالايدۇ.

      گاس – گاچىلار تېلېفونى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر يولى تاختىسى، خەت يېزىش كۇنۇپكىسى ۋە سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراندىن تۈزۈلگەن، ئېغىرلىقى ئىككى – ئۈچ كىلوگىرام كېلىدۇ. سۆزلەشكەندە، ئۇلار كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كومپيۇتېردا ماقالە يازغانغا ئوخشاش، دېمەكچى بولغان گېپىنى كىرگۈزسىلا بۇ ‹‹گەپ››لەر ئېكراندا كۆرۈنىدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ گاس – گاچىلار تېلېفونىنىڭ ئېكرانىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئوخشاشلا قارشى تەرەپمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ‹‹سۆزلىشىدۇ››.

      ئادەتتكى تېلېفوندىمۇ گاس – گاچىلار بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى تېلېفوندا، رەقەم ھە بەلگە كۇنۇپكىسى بولىدۇ، ئىككى كۇنۇپكا بىرلەشتۈرۈلسە بىر ھەرپكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. نورمال ئادەملەر ‹‹سۆزلىگەندە›› تېلېفوندىكى رەقەم ۋە بەلگە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، دېمەكچى بولغان گېپىنى تېلېفونغا ‹‹يىزىپ›› كىرگۈزىدۇ. گاس – گاچىلار تېلېفونى رەقەم ۋە بەلگىلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ھەرپكە ئايلاندۇرۇپ، ئېكرانغا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گاس – گاچىلار سۆزلىگەندىمۇ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن ھەرپنى كىرگۈزسە، بۇ ھەرپلەر ئېكراندا كۆرۈنۈش بىلەن بىرگە، ماشىنا ئۇنى ‹‹سۆزلەپ›› قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان