باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىلارغا ئەنئەنىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا سەل قارىمايلى

      ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روھىدا ئەنئەنە مەدەنىيىتى بولىدۇ. ئەنئەنە رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئاندىن مەكەممەللەشكەن بولسا، يەنە تەرەققىياتقا ماس ھالدا بېيىپ ماڭىدۇ. ئەنئەنە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى ئەنئەنە خاسلىقىمىزنى مەلۇم دائىرىدا سۇسلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇنداقتا مائارىپ ئەسىرى بولغان ھازىرقى پەن - تېخنىكا دەۋرىدە ئەنئەنە تەربىيەسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىمۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتە ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ دەۋىر ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت ئورنىغا قاراش كېرەك. ئەنئەنىلىرىمىزدىكى ئىلمىيلىك، يېتەكچىلىك رولى، ھازىرقى زامان بالا تەربىيەسىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە تولۇق تۇيۇنغان بولۇپ، ئۇ بالا تەربىيەسىدە ئۇنىۋېرسال خاسلىققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە. 70 - يىللارنى ئەسلەپ ئۆتسەم، تاماق ۋاقتىدا دادامدىن بەكلا ئېھتىيات قىلاتتىم. چۈنكى ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يېسەك ياكى قولىمىزنى يۇماي تاماققا كەلسەك دادامنىڭ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەيتتى. ئانام بېشىمىزنى سىلاپ تۇرۇپ، تاماق يېيىش ئادەتلىرى توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. ئەمدى ئويلاپ باقسام، بىزدىكى غىزالىنىش ئادىتى ۋە جوزا قائىدە - يۇسۇنلىرى ھازىرقى دۇنيا يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ تاجىسى بولالايدىكەن. گەرچە ھازىر نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئىستېمالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، بالىلىرىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى قوغلىشىدۇ. بۇنداق قىلىش تامامەن توغرا، ئەمما بالىلارغا ئەنئەنە ئارقىلىق غىزالىنىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، بالىلاردا مىللەت روھىغا خاس خارەكتېر يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇرمۇشىمىز قانچىلىك دەرىجىدە باياشايات بولسا، شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىختىساتچان بولۇشىمىز كېرەك. بۇ ئەنئەنىمىزنىڭ تەربىيە نىشانى بولسا، بۇ يەنە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ تۈپ يولى.

      تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشى بىلەن بالا تەربىيەسىدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر - يېزىلاردا بالىلار يەسلىلىرى ئومۇملاشتى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، بالىلارنى ئەنئەنە تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش، بالىلاردىكى ئائىلە خارەكتېرىنى جەمئىيەت خارەكتېرىگە سىڭدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىلگىرى بالىلارغا ئەنئەنە تەربىيەسى ئاساس قىلىنىپ، ئاتا - ئانىلار ئۈلگە بولۇپ يېتەكلىنەتتى. شۇڭا بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەمگەكنى سۆيىدىغان، جاپادىن قاچمايدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئاتا - ئانا ۋە چوڭ - كىچىكلەر ئۇتتۇرىسىدا پەدىشەپنى ساقلايدىغان روھىي ھالەت يېتىلەتتى. ئەمدىلىكتە ئەنئەنە تەربىيەسىنىڭ سۇسلىشى بىلەن بالىلاردىكى جىسمانىي ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنىش روھى مۇھىمى مۇستەقىل ياشاش ئېڭى ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەنئەنە تەربىيەسى ئادىمىيلىكنىڭ يىلتىزى بولۇپ، ئۇنى قۇرۇتىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ كۆكلەپ باراقسان ئۆسسە، باشقىلارغا سايە بېرەلەيدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان