باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىرىنىڭ قىسقىچە ئىش –پائالىيەتلىرى

      ئالتاي ۋىلايىتىدىن

      دىلنار ئابلىكىم، 13 ياش، چىڭگىل ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ئۇ خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن بولغان 30 نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان ئىناق ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ مومىسى ھەنىپە ئالىماخۇن ئون نەچچە مىللەتتىن بولغان يېتىم بالىنى بېقىۋالغان. مومىسىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى دىلنارنىڭ سەبىي قەلبىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بىخلاندۇردى. دىلنار ساۋاقدىشى ۋاڭ شىنرۇ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم بەردى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ۋاڭ شىنرۇ ئۆگىنىشتە زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىدى.

      دىلنار كۆپ قېتىم ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، 2010 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتىغا كۆرسىتىلدى.

      ۋاڭ سىيۈ، 11 ياش، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ۋاڭ سىيۈ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان قوشنىسى ئۆگىنىشتە سەل قىينىلىپ قالغاندا ۋاڭ سىيۈ دائىم ئۇنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم بەردى ھەم ساناتورىيەگە بېرىپ قارىغۇچىسى يوق ياشانغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى. ئۇ ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ھەر قېتىم بارغاندا ياشانغانلار خۇشال بولۇپ: ‹‹قىزىمىز كەلدى›› دېيىشتى.

 

      زارقىن ئېركىن، قازاق، توققۇز ياش، كۆكتوقاي ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      زارقىن ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ساۋاقداشلىرىنى تەشكىللەپ ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلانى يوقلىدى. زارقىن ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بىرلىكتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ئۆتكۈزگەن «ئائىلە شادلىقى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئىككى پىيانىنۇ بىلەن مۇكاپاتلاندى، ئۇ بىر پىيانىنونى گەنسۇ ئۆلكىسى لىنزې لەنتيەن چۈنلېي باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقدىم قىلدى.

      زارقىن ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹ئېغىزچە قوش تىل›› مۇسابىقىسى ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن

      نارىما، موڭغۇل، 13 ياش، بورتالا شەھىرى يىفۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      نارىما ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قول تۇتۇشۇش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، قوشماق ساۋاقدىشى شيې تىڭيەنگە ياردەم بېرىپ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

      نارىما مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۆچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالاندى.

      جاڭ رۈي 14 ياش، ئارشاڭ ناھىيەسى خاربۇخ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ساۋاقدىشى مۇقەددەسنىڭ دادىسى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى قىيىن ئەھۋالدا قالدى. جاڭ رۈي بۇنى بىلگەندىن كېيىن مۇقەددەسكە تەسەللى بېرىپ ئۇنىڭغا ھېساب ئىشلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىدى.

      جاڭ رۈي بورتالا ئوبلاستى بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››، ئارشاڭ ناھىيەسى بويىچە ‹‹ئون مۇنەۋۋەر پىيونېر››نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

      سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن

      ئاننې، قازاق، ئون ياش، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ئاننې دائىم باشقىلارغا ياردەم بېرەتتى. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى مەكتەپ ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، تاماق بېلىتىنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى تاماق بېلىتىنى يىتتىرىپ قويغان ساۋاقداشلىرىنى ئاتا – ئانىسى ھۆددە ئالغان ئاشخانىدا تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلاتتى.

      ئاننې مەكتەپ بويىچە ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چولپىنى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

      فىرقەت 16 ياش، جىمسار ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      فىرقەت مەكتەپ ۋە سىنىپ تەشكىللىگەن ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرى ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ قىيىنچىلىقى بار ھەمراھلىرىغا ياردەم قولىنى سۇندى. فىرقەت ۋاڭ مېڭيۇەن بىلەن ‹‹قول تۇتۇش››قان قوشماقلاردىن بولۇپ ۋاڭ مېڭيۇەن ئۇنىڭغا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتسە، ئۇ ۋاڭ مىڭيۇەنگە ئۇيغۇرچە ئۆگەتتى، ئىككەيلەن ئورتاق ئۆگىنىپ ئورتاق ئىلگىرىلىدى.

     فىرقەت مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› بولۇپ باھالاندى، 2010 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتىغا كۆرستىلدى.

      جاڭ جىخۇ، 14 ياش، ماناس ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      2011 – يىلى كۈزنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ساۋاقدىشى شاتتىقنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ، يېقىلىپ قالغان جىددىي پەيتتە جاڭ جىخۇ تېزدىن ساۋاقداشلىرىنى تەشكىللەپ 120گە تېلېفون بەردى. ئۇنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شاتتىق خەتەردىن قۇتۇلدى. ئۇ يەنە سىنىپىدىكى ساۋاقدىشى تېلەك بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان قوشماقلاردىن بولۇپ ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئورتاق ئىلگىرىلىدى.

      جاڭ جىخۇ مەكتەپتە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ماناس ناھىيەسى بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر