1 . ئاتاڭنىڭ بارىدا بىلىم ئال.
2 . ئاتمىش ياشتا بىلمىسەڭ ئالتە ياشلىقتىن سورا.
3 . ئادەمنى بىلىم يورۇتار، ئالەمنى كۈن.
4 . تۇرمۇش بىلىمنىڭ مەنبەسى، بىلىم تۇرمۇشنىڭ نۇرلۇق چىرىغى.
5 . بىلىملىك بولساڭ ياشلىق باھارىڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ.
6 . قۇياش دۇنيانى يورۇتىدۇ، بىلىم ئىنسان بايلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
7 . بىلىم بارلىق ئاپەتكە قارشى ئۇرۇشنىڭ قالقىنى.
8 . ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ ئۆلگىنى.
9 . ئەقىلسىز يىگىت يۈگەنسىز ئات.
10 . ئەقىلسىزنىڭ جاپاسى تولا.
11 . بىلىم ئالاي دېسەڭ بىلمىگەنلىرىڭگە ئىقرار بول.
12 . بىلىم بىلەن ھېكمەت ئالتۇندىن قىممەت.
13 . بىلىم پۇلدىن ئەلا، گاداي قۇلدىن (ئەلا).
14 . بىلىمسىز بالا، ئەقىلسىز كالا.
15 . بىلىملىك نۇرلىنىپ ئۆتەر، بىلىمسىز خورلىنىپ (ئۆتەر).
16 . چالا ئوقۇغان زىيالى، قىلغان ئىشى خىيالى.
17 . دەرەخ مېۋىسى تەنگە، بىلىم مېۋىسى ئەلگە.
18 . دۆلەت تۈگەر، بىلىم تۈگىمەس.
19 . قەنت تاتلىق ئەمەس، پەن تاتلىق.
20 . بالا – قازا نادانلىقتىن كېلەر.
21 . بىلىم – ئېقىۋاتقان دەريا.
22 . دىلىڭدا ئىلىم بولسا مەنزىلگە يېتەرسەن.
23 . بىلىمسىز پادىشاھتىن بىلىملىك گاداي ياخشى.
24 . خىسلىتىڭ ياخشى بولسا ئەلگە يارايسەن.
25 . ھۈنىرى بار ئاچ قالماس.
26 . ئالتۇن خەزىنىسىدىن بىلىم خەزىنىسى ئەلا.
27 . بىلىمدىن ياخشى دوست يوق، كېسەلدىن يامان دۈشمەن.
28 . قەلب تولسا ئىلىم نۇرىغا، پەرۋاز قىلار ئاسمان قوينىدا.
29 . ئەڭ يامان نامراتلىق – كەم ئەقىلىقلىق.
30 . بىلىمىڭ بولسا ئەل ئىچىدە تولۇن ئايدەك چاقنايسەن.
31 . بىلىمسىز ھايات پۇراقسىز ئەتىرگۈل.
32 . دۇنيادا ئۈچ گۆھەر بار، ئۇ بىلىم، ئاشلىق ۋە دوستلۇق.
33 . بىلىمى كەم ئادەم پىكىر قىلالماس، پىكىر قىلالمىغان بىلىم ئالالماس.
34 . بىلىم كائىناتنىڭ نۇرلۇق چىرىغى.
35 . بىلىم دوستۇڭنى كۆپەيتەر.
36 . ئوقۇلمىغان كىتاب بىر دۆۋە قەغەز.
37 . ئۆمۈرنىڭ چېكى بولار، بىلىمنىڭ چېكى بولماس.
38 . بىلىم ئالاي دېسەڭ جاپاغا چىدا.
39 . بىلىمسىز بولسا زامان، قاراڭغۇ بولۇر ھەممە جاھان.
ئىمىن ھاشىم (تېكەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە) تەييارلىغان.