باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

جامالىدىن ئاق سارايى

      جامالىدىن ئاق سارايى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغان بۈيۈك ئەللامەلەرنىڭ بىرى بولۇپ،  ئۆزىنىڭ مەشھۇر تىببىي ئەسىرى ‹‹ئاقسارايى›› بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئالدى.

      ئالىمنىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچلىك بىر ماتېرىياللار تېپىلغىنى يوق، بەزىلەر ئۇنى ‹‹ئىستانبولنىڭ ئاقساراي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان›› دەيدۇ. ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق. بەزى ماتېرىياللاردا ‹‹بۇ كىشىنىڭ 11 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم›› دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئىشەنچ قىلالمىغان. 1936 – يىلى ھېندىستاننىڭ دىيوبەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا ئۆلىمالىرى تارىخىي مۇھاكىمە يىغىندا، جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان بىر ئەلدە تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. چىڭگىزخاننىڭ 1 – قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىشى 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرى، يەنى 1219 – يىلى باشلانغان. دېمەك، ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى بالدۇر دىگەندىمۇ 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرى، يەنى 1220 – يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان ئەلدىن ھېندىستانغا قېچىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. تىبابەت تارىخى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇرېھىم قادىر قۇمۇلى ئەپەندى: ‹‹ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتى ››(5) ناملىق ئەسىرىدە ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى يازغان:

      ئالىمنىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە، بەزىلەر بۇ كىشىنى ئىستامبولنىڭ ئاقسارايى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، دەيدۇ. ئەمما تولۇق دەلىل يوق. چۈنكى، ئىستامبولدىن خېلىلا يىراق بولغان ھېندىستانغا قېچىپ بېرىش ئېھتىمالدىن يىراق. يەنە بەزىلەر، غەربىي ئاسىيا، كىچىك ئاسىيا، ئېراق ۋە ئېران تەرەپلەردە ئاقساراي دېگەن شەھەرلەردە تۇغۇلغان، دەيدۇ. گەرچە، بۇ جەھەتتە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك، دەپ قارىغاندىمۇ، مېنىڭچە، تۆۋەندىكىلەردىن جامالىدىن ئاقساراينى خوتەن قارىقاش ناھىيەسىدىكى ئاقساراي يېزىسىدا تۇغۇلغان، دەپ دەسلەپتىكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ . 1978 – يىلى بىز خوتەنگە ئۇيغۇر تىبابىتى تارىخىنى تەكشۈرگىلى بارغاندا، پىشقەدەم تېۋىپلار بىزنى مۇنداق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى: يەنى، بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەنلىك مەرھۇم ئابدۇللا موللام مەۋلۇۋىي، مەرھۇم ھەسەن دامولام مەۋلۇۋىي، مەرھۇم مەتنىياز مەۋلۇۋىي ۋە ئاتۇشلۇق زەينۇل ئابدىن مەۋلۇۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار ھېندىستان لەكنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بارغاندا مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋاتقان بىر كىتابنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئاراڭلاردا خوتەندىن كەلگەنلەر بارمۇ؟ دەپ سورىغان ھەمدە كىتاب خوتەننىڭ ئاقسارايى دىگەن جايىدا تۇغۇلۇپ ھېندىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىببىي ئالىمى جامالىدىن يازغان ‹‹ئاقساراي›› دېگەن كىتاب بولىدۇ دېگەن. بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىن چىققان بۇ ئالىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، مەرھۇم پىشقەدەم تىۋىپ ئەھمەد ھاجى، مەرھۇم ھاجى ئېلخان ھەزرىتىم، داڭلىق دورىگەر ئىمىننىياز ئاخۇنۇم قاتارلىقلارغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەن. بۇ دەل، 1936 – يىلى چىىقىرىلغان يەكۈن ۋە مەرھۇم ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىمى ئۇستاز ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ  ‹شىنجاڭدىن ھېندىستانغا ئوقۇشقا بارغان بىر قىسىم كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ كىشىنىڭ خوتەن قارىقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىن بارغانلىقىنى تەخمىنەن قىلىشقان› دەپ يازغىنىغا ئوخشاش.

      ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى موڭغۇللارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھېندىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدۇ. ئالىم ھېندىستانغا بارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدىكى يۇقارقى ئەسەرنى يېزىپ، (‹‹ئاقسارايى››كۆزدە تۇتۇلىدۇ – ئا) ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسارايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشقا تىببىي كىتابلاردىن ئۆزگىچە ھالدا ئۆز كىتابىغا ‹‹ئاقسارايى››دەپ نام قويغان. مەزكۇر ئەسەردە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزەرىيەلىرى، ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسى، يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار سۆزلەنگەن بولۇپ، نەزەرىيە قىسمى ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىبىن سىنانىڭ ‹‹ئەلقانون››نى كىچىكلىتىپ يازغان ‹‹مۇجىزىل قانۇن››(ئەلقانۇندىكى مۆجىزىلەر) دېگەن ئەسەردىكى خاتا كەتكەن جايلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلمىي ئاساسلاردىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا، مەزكۇر قىسمى ئەسلى ئاپتور (ئىبىن سىنانى دېمەكچى) مۇنداق دېگەن، ئۇ (مۇجىزىلى قانوننىڭ ئاپتورىنى دېمەكچى) مۇنداق دەپتۇ، مەن مۇنداق قارايمەن، دېگەن شەكىلدە يېزىلغان. ‹‹ئەل قانۇن››دىكى قېيىن مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن. ‹‹مۇجىزىل قانون››دىكى خاتا مەزمۇنلار تۈزۈتۈلگەن. ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكلىرىدىن 180 خىلى سۆزلەنگەن. يەككە دورىلاردىن 390 خىلى، مۇرەككەپدورىلاردىن 144 خىلى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز تېۋىپلىرىمىزلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

      يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالىم جامالىدىن ئاقساراينىڭ ‹‹ئاقساراي››ناملىق كىتابىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدا پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر قولدىن قولغا تارقىلىپ 1899 – يىلىغا كەلگەندە لەكنۇدا رەسمىي نەشر قىلىنىپ، 1929 – يىلىغىچە دىھلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام تىبابىتى ئىنىستىتوتىدا دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەن. دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم تېۋىپلار ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۈر ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تىبابەت ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .

      ئەسكەرتىش: ‹‹دېڭىز ئۈنچىلىرى››، ‹‹قاراقاشنى چۈشىنەيلى››، ‹‹مەشھۇر ئۇيغۇر تېۋىپلىرى›› قاتارلىق كىتابلاردا جامالىدىن ئاقسارايى 19 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن دەپ يېزىلغان. ئەمما يېتەرلىك دەلىل ئىسپات كەلتۈرۈلمىگەن. بىراق ئالىمنى 12 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن دېگەن قاراشنى ياقلىغۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسپاتى ئازراق بولسىمۇ چىنلىققا ئىگە.

 

مەنبە: باس - باس تورى تەھرىر: ئاينۇر