باش بەت | كائىنات سىرلىرى

سىرلىق مومىيا

      3000 يىل ئىلگىرى مىسىرنىڭ مەلىكىسى ۋاپات بولۇپ جەسىتى مومىيا قىلىنىپ ساقلاپ قۇيۇلغان ئىدى. 1890 - يىلىنىڭ ئاخىرى، تۆت ئەنگلىيەلىك مىسىرغا كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى بۇ مومىيانى يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالىدۇ. مومىيا ئۇ تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ، نەچچە سائەتتىن كېيىن مومىيانى سېتىۋالغۇچى ھېچ سەۋەبسىزلا مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ يېقىن ئەتراپتىكى قۇملۇققا كىرىپ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ ھەمرالىرىدىن بىرسى مىسىر كوچىسىدا ئوق تېگىپ ئېغىر يارلىنىدۇ، قالغان ئىككى ھەمراھى ئەنگىلىيەگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىرسى سودىدا ئېغىر زىيان تارتىپ قەلەندەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ، يەنە بىرسى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ.

      بۇ سىرلىق مومىيا ئەنگىلىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، بىر مىسىرنىڭ مەدەنىيتىگە قىزىقىدىغان باي سودىگەر مومىيانى سېتىۋالىدۇ. بىراق ئىككىنچى كۈنى سودىگەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ سودىگەر ئېغىر يارلىنىدۇ، يەنە ئۇلارنىڭ ئېسىل داچىسىمۇ سەۋەبسىز كۆيۈپ ۋەيران بولىدۇ، سودىگەر ئامالسىز بۇ مومىيانى ئەنگىلىيە مۇزىيخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. مومىيانى يۆتكەش جەريانىدا يۈك ماشىنىسى كونتىروللىقىنى يوقىتىپ يولدىكى بىرسىنى سوقۇپ يارىلاندۇرۇپ قويىدۇ، كېيىن مومىيانى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا ئارقا تەرەپتە كۆتۈرۈپ ماڭغان ھاممالنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىپ پۇتىغا چۈشۈپ پۇتى ئېغىر يارلىنىدۇ، يەنە بىرسى ناھايىتى ساغلام بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن سەۋەبسىزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

      مومىيا مۇزىيخانىدا ساقلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قورقۇنىچلىق غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مۇزىيخانىنىڭ كېچىلىك كۆزەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، كېچىدە دائىم غەلىتە ئاۋازلار ئاڭلىنىدىكەن، ئىلگىرى بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغانىكەن، ئۇزاق ئۆتمەي كۆزەتچىدىن بىرسى ئۆلۈپ كېتىدۇ، باشقا كۆزەتچىلەرمۇ قورقۇپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ. مەلۇم بىر گېزىتنىڭ فوتۇگرافى مومىيانى رەسىمگە تارتىپ شۇ كۈنى ئۆزىنى تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۈلۈۋالغان. كېيىن موزىيخانا مومىيانى بىر يىغىپ ساقلىغۇچىغا سېتىپ بەرگەن، بۇ يىغىپ ساقلىغۇچى مومىيانىڭ شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بېشىغا چىققانلىقنى بىلىپ، مومىيادا سىرلىق بىر خىل كۈچنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ياۋرۇپادىكى داڭلىق ئايال پېرخون لاۋاسكىنى تەكلىپ قىلىپ مومىيانى كۆرسىتىدۇ، پېرخون ئۇنىڭ ئادەتتىكى مومىيا ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا بىر خىل رەزىل كۈچنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى ئۆز جايىغا ئاپىرىپ قويمسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىراق ھېچكىم بۇ مومىياغا يېقىن كېلىشكە پېتىنالماپتۇ، چۈنكى 10 يىل ئىچىدە 20 ئادەم مومىيانىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ھاياتى ۋە ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغان ئىدى.

      ئۇزۇن ئۆتمەي، خۇراپاتلىققا ئىشەنمەيدىغان بىر ئامېرىكىلىق ئارخىلوگىيە ئالىمى بۇ مومىيانىڭ ئىلگىرىكى قورقۇنىچلىق تارىخى بىلەن ھېسابلاشماي مومىيانى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنى نيويورىكقا ئاپېرىپ ساقلىماقچى بولىدۇ.

      1944 - يىلى 4 - ئاي، مومىيا يېڭى ئىگىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ئەينى چاغدىكى ئەڭ چوڭ پاراخوتقا چىقىرىلىدۇ، مومىيانىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇنى پاراخوت باشلىقى بۆلۈمچىسىنىڭ يېنىغا جايلاشتۇرۇلىدۇ.

     بۇ زادى قايسى پارخوت دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن، بۇ دەل ئەينى چاغدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخوت تېتانىك ئىدى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان