باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

قارلىغاچ

ياسىنجان توخنىياز توغراق

      باھار كېلىشى بىلەنلا قارلىغاچ ھويلىدىكى پېشايۋانغا چاڭگا سېلىپ بىرنەچچە تۇخۇم چىقارغانىدى. بۈگۈن ئارام كۈنى بولغاچقا ئاكام ئىككىمىز ھويلىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق. ئانا قارلىغاچ بالىلىرىغا ئوزۇق ئەكېلىش ئۈچۈن كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇۋىسىدا كۆرۈنمەيتتى. قارلىغاچ بالىلىرى بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ئانىسىنىڭ ئوزۇق ئەكېلىشىگە تەقەززا بولۇۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ‹‹پالاق، پالاق!›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر نەرسە يەرگە چۈشتى. بۇ دەل بىزنىڭ ئانا قارلىغاچ ئىدى.

      — بىچارە قارلىغاچ، قانىتىغا بىر نەرسە قاتتىق تەگكەن بولسا كېرەك، ئۇچالماي قاپتۇ، – دېدى ئاكام قارلىغاچنى قولىغا ئېلىپ.

      — ئاكا، ئۇنىڭ يارىسىنى تېڭىپ قويايلى، – دېدىممەن قارلىغاچقا ئىچىم ئاغرىپ.

      ئاكام قارلىغاچنىڭ قانىتىنى تېڭىپ قويدى. مەن دان بېرىشكە ئاسان بولسۇن دەپ ئاكامنىڭ قارشى تۇرغىنىغا قارىماي شوتىغا يامىشىپ چىقىپ چاڭگىنى پەم بىلەن ئېلىپ ھويلىنىڭ ئوڭ تەرەپ بۇرجىكىدىكى ئۆرۈكنىڭ غول شېخىنىڭ ئارىسىغا قويدۇم ۋە ئانا قارلىغاچنىمۇ چاڭگىغا سېلىپ قويدۇم. قارلىغاچ بالىلىرى خۇددى ‹‹بىزگە ئوزۇق ئەكەلمەپسەنغۇ؟›› دېگەندەك ئانىسىغا تەلمۈرۈپ ۋىچىرلايتتى. مەن چاڭگىغا ئازراق دان ۋە قۇرتلارنى سېلىپ بەردىم.

      بىر ھەپتىگە بارمايلا ئانا قارلىغاچنىڭ يارىسى ساقىيىشقا باشلىدى. بىر كۈنى مەكتەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىپ سەل كەچ قايتىپ كەلسەم ئاكام ھويلىدىكى كارىۋاتتا سالپىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ گەپ قىلماستىن باش ئىشارىسى بىلەن ئۆرۈك دەرىخىنى كۆرسەتتى. قارىسام قارلىغاچ چاڭگىسى چۇۋۇلۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ قارلىغاچنىڭ پەيلىرى ئۇ يەر – بۇ يەرگە چېچىلىپ تۇراتتى. ئاكام:

      — ئۇلارنى مۈشۈك يەۋېتىپتۇ، ئۇۋىسىنى پىشايۋاندىن چۈشۈرمەيلى دېسەم گېپىمنى ئاڭلىمىدىڭ، ئەمدى ئوبدان بولدىمۇ؟ – دېدى ماڭا كايىپ. بۇنى كۆرۈپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم. كۆڭلىمىزنىڭ يېرىم بولغانلىقىنى كۆرگەن ئانام:

      — بالىلىرىم، كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، مەنمۇ سەل كېچىكىپ قاپتىمەن، بۇرۇنراق كەلگەن بولسام ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇۋالاركەنمەن، – دېدى.

      ئاكاممۇ جىم بولۇپ قالدى. ئىككىمىز قارلىغاچنىڭ چاڭگىسىنى ئاۋايلاپ پېشايۋانغا ئېلىپ قويدۇق. قارلىغاچنىڭ يەنە چاڭگا سېلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتاتتۇق.

(ئاپتور ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي