باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

بەش خىل بايراق لەپىلدىمەكتە

گو يادۇڭ

      بەش خىل بايراق لەپىلدىمەكتە، دەۋر داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىمەكتە، بۈگۈن ئەتىنىڭ ئۆتمۈشىگە ئايلانماقتا. يېقىندا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى لۇڭجياڭ ناھىيەسى چىكىشۇ بازارلىق فادا باشلانغۇچ مەكتىپى 3 – ئوتتۇرا ئەترىتى دۆلەت بايرىقى، پارتىيە بايرىقى، ئارمىيە بايرىقى، ئىتتىپاق بايرىقى، ئەترەت بايرىقىدىن ئىبارەت بۇ بەش خىل بايراقنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزدەش، تىكىش، سىزىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ‹‹بەش خىل بايراق››نى تېما قىلىپ تەربىيەنى قانات يايدۇردى. بۇ تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق پىيونېرلار بەش خىل بايراقنى چۈشىنىپ، بەش خىل بايراقنى تونۇۋالدى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ بايراقلارغا بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، پارتىيە، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى تېخىمۇ كۈچەيدى.

      ئىزدەش ئارقىلىق بەش خىل بايراقنى تونۇش. پىيونېرلار ئالدى بىلەن چوڭ ئەترەت ئىشخانىسىغا كېلىپ بەش خىل بايراقنىڭ پەرقىنى بىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تورغا چىقىپ بەش خىل بايراققا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىزدىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ‹‹بەش خىل بايراقنى سۆزلەش›› تېمىسىدىكى ئەترەت يىغىنىنى ئېچىپ، بەش خىل بايراقنىڭ مەنىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ بەش خىل بايراقنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدى.

      تىكىش ئارقىلىق بەش خىل بايراقنى بىلىش. پائالىيەتتە مۇسابىقە شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن پارتىداشلار بىر گۇرۇپپا بولۇپ بايراق تىكتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر گۇرۇپپىنى بىرلىك قىلغان ھالدا مۇسابىقىلىشىپ بايراق تىكتى. ھەرقايسى گۇرۇپپىدىكىلەر بىر تەرەپتىن بايراق تىكىپ بىر تەرەپتىن رىياسەتچى ئوتتۇرىغا قويغان بايراققا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەردى. كىم تېز تىكسە، توغرا جاۋاب بەرسە مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقتى.

      سىزىش ئارقىلىق بەش خىل بايراقنى ھېس قىلىش. پىيونېرلار قولىغا رەسىم قەلىمىنى ئېلىپ ئەڭ چىرايلىق رەڭ بىلەن قەلبىدىكى بەش خىل بايراقنى سىزدى. رەسىم سىزىش ئارقىلىق پىيونېرلار ئارمىيە بايرىقىدىكى ‹‹1 – ئاۋغۇست››نىڭ مەنىسى، پارتىيە بايرىقىدىكى ئورغاق بىلەن بولقىنىڭ مەنىسى، دۆلەت بايرىقىدىكى چوڭ يولتۇزنى ئوراپ تۇرغان تۆت كىچىك يۇلتۇزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالدى.

      ‹‹بەش خىل بايراق›› تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق پىيونېرلار بايراقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئالاقىدار ھېكايىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتىغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەشنىڭ لازىملىقىنى بىلىۋالدى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر