باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ئالما قىياملىق قاتلىمىنى تەييارلاش ئۇسسۇلى

      1. ئالمىنى يۇيۇپ، ئاقلاپ، پارچىلاپ توغرىۋالىمىز، ئاندىن مېۋە ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىپ، ئازراق سۇ قوشۇپ ئىزىپ تەييارلىۋالىمىز.

      2. ئالمىنىڭ شىرنىسى بىلەن ئېتىنى ئايرىۋالىمىز، شىرنىسىدە خېمىز يۇغۇرىمىز، ئالما بوتقىسىغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ۋە شېكەر قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىۋالىمىز .

      3. پوشكال ياساپ، ئىچىگە ئالما قىيامىنى ئېلىپ تەييارلىۋالغاندىن كىيىن، چىش كولىغۇچ بىكەن يۈزىدىن تۆشۈكچىلەرنى تېشىپ قويىمىز.

      4. تەكشى قازاندا ئىككى يۈزى قىزارغۇچە پىشۇرىمىز ياكى توك قازىنىغا سېلىپ ئىككى قېتىم چىرىقى ئۆچكىچە ئۆرۈپ پىشۇرىۋېلىپ، يەنە بەش مىنۇت دۈملىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: خەۋەر تورى تەھرىر: ئاينۇر