باش بەت | مەكتەپلەر

جياڭسۇ ئۆلكىلىك ‹‹جياڭپۇ›› ئالىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى

     

      جياڭسۇ ئۆلكىلىك ‹‹جياڭپۇ›› ئالىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 1939 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. مەكتەپنىڭ زامانىۋى ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، مەكتەپ تورى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە، كومپيۇتېرخانا، ئويۇن قويۇش زالى، يىغىن زالى، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە تەجرىبەخانىسى، ئېلېكتىرونلۇق دەرس تەييارلاش ئىشخانىسى قاتارلىقلار بار. مەكتەپ كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش تەلىپى بويىچە سىنىپلارنىڭ ھەممىسىگە كومپيۇتېر، سۇيۇق كىرىستاللىق بالوپتىكون ۋە كۆرۈنمە چاستوتىلىق دوسكا قاتارلىقلارنى سەپلىگەن. مەكتەپتە ھازىر مەملىكەت، ئۆلكە، شەھەر، رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى، ئىلىم - پەن يېتەكچىسى قاتارلىقلاردىن 121 كىشى بار.

      بۇ مەكتەپ 2000 - يىلى 8 - ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، ھازىرغىچە 1164 نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەن 650 ئوقۇغۇچىنىڭ %95 ى ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان. بۇ مەكتەپتىكى 12 شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ھازىر 520 ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.

      بۇ مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان ئون يىلدىن بۇيان، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە بىلىم ئالغان، زامانغا ماسلىشالايدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى بەرپا قىلدى؛ قاتلام بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكلەش، دەرىجىگە ئايرىپ باھالاشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆردى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق ئۆتكىلى، تىل ئۆتكىلى، تۇرمۇش ئۆتكىلى ۋە مەدەنىيەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى.

      مەكتەپ 2004 - يىلى 11 - ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ باھالاندى، ‹‹جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە مەدەنىيەتلىك ئورۇن››، ‹‹جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە ئەخلاق تەربىيەسىدىكى ئىلغار مەكتەپ››، ‹‹جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. مەكتەپنىڭ شىنجاڭ ئىشتابى ئۇدا تۆت يىل نەنجىڭ شەھىرى بويىچە ئوقۇش - ئوقۇتۇش مەخسۇس تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان