باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

‹‹يۇمشاق ماتېرىيال›› ۋە ‹‹قاتتىق ماتېرىيال›› دېگەن نېمە

      كومپيۇتېرنىڭ ‹‹بەش چوڭ قىسمى›› – ساقلىغۇچ، ھېسابلىغۇچ، كونترۇللىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەممىسى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئېلېكتر ئەسۋابلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ‹‹قاتتىق ماتېرىيال›› دەپ ئاتىلىدۇ؛ كومپيۇتېرنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدىغان، ئىشلەش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان بىرقاتار بۇيرۇقلار ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يېزىق ماتېرىياللىرى، مەسىلەن، چۈشەندۈرۈش، ئابۇنىچىلار قوللانمىسى قاتارلىقلار ‹‹يۇمشاق ماتېرىيال›› دەپ ئاتىلىدۇ.

      كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق ماتېرىيالى بىرقانچە خىل بولىدۇ: بەزىلىرى قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ ياكى قاتتىق ماتېرىيال بىلەن يۇمشاق ماتېرىيالنى تېخىمۇ ياخشى ماسلىققا ئىگە قىلىدۇ، بۇنداق يۇمشاق ماتېرىيال ‹‹سىستېما يۇمشاق ماتېرىيالى›› دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ياردەم قىلىدۇ، مەسىلەن، ھېسابلاش، مالىيە باشقۇرۇش، رەسىم سىزىش، ئويۇن ئويناش قاتارلىقلار. بۇنداق يۇمشاق ماتېرىيال ‹‹ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىيال›› دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى ‹‹مەخسۇس تەرجىمان›› بولۇپ، تۈزۈلگەن پروگراممىلارنى كومپيۇتېر ئوقۇيالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان بۇيرۇققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، بۇنداق يۇمشاق ماتېرىياللار ‹‹تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش يۇمشاق ماتېرىيال›› دەپ ئاتىلىدۇ. بارلىق يۇمشاق ماتېرىياللار ئاۋۋال تۈزۈلۈپ، ئاندىن كېيىن كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدۇ. تۈرلۈك يۇمشاق ماتېرىياللار ھەم ئىش تەقسىماتى ئايرىلغان، ھەم ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا كومپيۇتېردا ئۆز رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرىدۇ.

      كومپيۇتېرنىڭ ‹‹ئەقلىي – پاراسىتى››نى ئىشلىتىپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن، پەقەت قاتتىق ماتېرىياللا بولۇپ، يۇمشاق ماتېرىيال بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر كومپيۇتېرنى ئادەمگە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا، قاتتىق ماتېرىيال ئۇنىڭ گەۋدىسى، يۇمشاق ماتېرىيال بولسا، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدۇر، مۇشۇ ئىككىسى تولۇق ھازىرلانغاندىلا، ئاندىن كومپيۇتېر نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان