باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

چوڭلارنىڭ ھۆرمىتى ــــ كىچىكلەرنىڭ ئىززىتى

كامال جامال

      يېقىندا غۇلجا شەھەرنىڭ بايانداي بازىرىدىن 1 - يول ئاپتوبۇسىغا چىققىنىمدا، ئاپتوبۇس ئىچىدە لىققىدە ئادەم بار ئىدى. ئاپتوبۇس قوزغىلاي دەپ تۇرۇشىغا، ئاپتوبۇسغا 80 ياشلار چامىسىدىكى بىرەيلەن پۇتىنى سۆرەپ دېگىدەك تەسلىكتە چىقتى.

      - يىگىت بۇ بوۋايغا ئورنىڭىزنى بەرسىڭىز بۇلامدۇ؟ ئاپتوبۇس بېلەتچىسى ئارقىسىدىكى ئورۇندۇقتا، سىرتقا قاراپ ئولتۇرغان 25 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ياشقا شۇنداق دېدى. ئەمما، ئۇ كۆزىنى سىرتتىن ئۈزمەي بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى.

      - يىگىت سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن، بېلەت ساتقۇچى يىگىتنىڭ مۈرىسىگە بوش نۇقۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. يىگىت يەنىلا زۇۋان سۈرمىدى. ئاڭغىچە ئوتتۇرا ياشلىق بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، بوۋاينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

      - توۋۋا، دېدى يېنىمدا تۇرغان بىرەيلەن - ياپ - ياشلا بالىكەن، بەلكىم پاڭ ياكى كىكەش بولۇشى مۇمكىن، ئۇ شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا، ئۇ ياشنىڭ يانفۇنىدىن مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ ئىتتىكلا يانچۇقىدىن يانفۇنىنى ئېلىپ - مەن كېتىپ بارىمەن، ھازىرلا بارىمەن دېگىنىچە سۆزلەپلا كەتتى. يېنىمدىكى كىشى ئۇنىڭغا قاراپ داڭقىتىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئاپتوبۇس، سودا بازارلىرى، قاتناش بېكەتلىرى، ئۆتۈشمە يول قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا بۇ خىل ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق، ياشانغانلارغا كۆيىنىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئادىمىيلىك قىممىتى كەمچىل ياشلار ياشانغانلار، چوڭلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا قويۇپ، ياشانغانلارغا ئاشۇ ئاز-تولا ئاراملىقنى ياكى ئازراق پۇرسەتنى بېرىشتىن باش تارتىدىغان روھىي نامراتلىق ئىچىدە تۇرماقتا. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ‹‹چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمە، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلە›› دېگەن ھېكمەتنى روھىمىزغا ئۇدۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزىلىرىمىز ئاز - تولا مەنپەئەت ئالدىدا چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلىمىدۇق. يېقىندا، بىر دوختۇرخانىنىڭ ئامبولاتورىيە بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا 70 ياشلاردىكى بىر بوۋاي بىر قولىدا تامنى، يەنە بىر قولىدا 15 ياشلار چامىسىدىكى قىزچاقنى تۇتقىنىچە، ھاسىرەپ تۇراتتى.

      - بوۋا بېشىڭىز قىيىۋاتامدۇ؟ - قىزچاق يىغلامسىراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن كىشىلەر ئۈزۈلمەي ئۆتىشىپ تۇراتتى، مەن ئىتتىكلا بېرىپ بوۋاينى يۆلىدىم.

      - رەھمەت بالام، مېنى 2 - قەۋەتكە ئەپچىقىپ قويغان بولسىڭىز؟ - بوۋاي يېنىمىزدىلا پۇقۇرتۇپ تاماكا چېكىپ، پاراڭغا چۈشكەن ياش بالىلارغا قاراپ قويۇپ شۇنداق دېدى. بۇ ياشلار مېنىڭ كۆزۈمگە بىر توپ ھايۋانلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. جەمئىيەت ۋە ئائىلە نۇقتىسىدىن ئالغاندا، چوڭلار بىزنىڭ بايلىقىمىز. بىزنىڭ ئۇنۋانىمىز، دەرىجىمىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوڭلار ئالدىدا ئوڭ قولىمىزنى كۆكسىمىزگە قويۇپ، ئۇلارغا سالام بېرىشىمىز، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ياشلاردىكى ئارزۇ-ئىستەك، غايىلەر ئۇلارنىڭ كىشىلىك قىممەت مەۋقەلىرىگە قان بولالىسا، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئادىمىيلىك، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.

      جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ پائالىيەت ۋە ھەرىكەت دائىرىسى كېڭىيىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سېڭىپ كىردى. دېمەك، ياشانغانلار مەيلى بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئورۇن ئالسۇن، ياكى باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللانسۇن، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش، ئۇلارغا خالىس ياردەم بېرىش گۈزەل ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ياشانغانلارنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرەلىگىدەك بىر ئېغىز گېپىمىز، ئۇلار ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتالايدۇ. ياشانغانلارغا بەرگەن بىر يۇتۇم ئۇسسۇزلىقىمىز، باھار يامغۇرىغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ قەلىب باغلىرىنى كۆكەرتىدۇ. چوڭلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتەيلى. چوڭلارغا ئورۇن بېرەيلى، ئۇلار ئۆرە تۇرۇپ قالمىسۇن. چوڭلارغا يول بېرەيلى، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشمىسۇن. جەمئىيەت كىشىلىك مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل بولسا، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاق بىلەن گۈزەلدۇر.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان