باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ

      ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا يەرشارىدىكى نېفىت بايلىقى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك نۆۋەتتە نېفىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى تېپىش ئىنسانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە سۈنئىي نېفىت تەبىئىي نېفىتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

      ئۇنداقتا، سۈنئىي نېفىت قانداق ھاسىل قىلىنىدۇ؟ ئۇنىڭ تەبىئىي نېفىت بىلەن قانداق پەرقى بار؟

      تەبىئىي نېفىتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربون بىلەن ھىدروگېن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نېفىت چوقۇم كاربون بىلەن ھىدروگېندىن تەركىب تېپىشى كېرەك. شۇنداق بولغاچقا، ئالىملار كۆمۈرگە ھىدروگېن قوشۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاربون بىلەن ھىدروگېن نىسبىتىنى تەبىئىي نېفىتنىڭكىگە ئوخشاش قىلىپ، سۈنئىي نېفىت ھاسىل قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ ئارقىلىق بۇ ئارىلاشمىنى سۇيۇقلاندۇرۇپ سۈنئىي نېفىت ھاسىل قىلغان.

      باكتېرىيە ئارقىلىق نېفىت ھاسىل قىلىش

      نېفىت يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەدىمكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ يەر ئاستىدىكى كۈچلۈك بېسىم تەسىرىدە چىرىشىدىن ھاسىل بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا باكتېرىيەدىن پايدىلىنىپ نېفىت ھاسىل قىلىشنى ئويلاشقان ھەم بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەجرىبە ئىشلىگەن.

      كانادا تورۇنتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ۋىدىمان ئەڭ بۇرۇن نېفىت ئىشلىيەلەيدىغان بىر خىل باكتېرىيەنى بايقىغان. ئۇ شاخلانغان تاياقچە باكتېرىيەسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مىكرو ئورگانىزمنىڭ ھىدرو كاربون بىرىكمىلىرىگە ئوخشايدىغان كىسلاتا ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى خۇددى ھاراق، جاڭيۇ ئىشلەپچىقارغاندەك فېرمېنت ئارقىلىق كاتالىزلاپ سۈنئىي نېفىتنى ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ تەركىبى تەبىئىي نېفىتنىڭكىگە ئوخشاپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى باكتېرىيە ئارقىلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

      ئۆسۈملۈكتىن نېفىت ئېلىش

      20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ بېشىدا خىمىيە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق ئالىم كارۋىن بىرازىلىيەدىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقلىرىدا بىر خىل كاۋچوك دەرىخىنى بايقىغان، بۇ كاۋچوك دەرىخىنىڭ ھەربىر تۈپى يېرىم يىل ئىچىدە 20 - 30 كىلوگىرام كېلىدىغان سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبى نېفىتنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلىمەيلا سالياركا ئورنىدا بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئاستىدىمۇ بولىدىكەن. يەنى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئاستىدا ئۆسىدىغان بەزى دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى %67كە يېتىدىكەن. ئالىملار ئەنە شۇنداق يۈسۈنلەردىن پايدىلىنىپ بېنزىن، سالياركا ئاجرىتىپ ئالغان. ھازىر بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: مەۋلان