باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىرىنىڭ قىسقىچە ئىش –پائالىيەتلىرى

      ئۈرۈمچى شەھىرىدىن

      ئەرافات ئارسلان، 14 ياش، ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

      مەملىكەت بويىچە داڭلىق كىچىك ئارتىس ئەرافات 2005 – يىلدىن باشلاپ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ھەرخىل ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشتى. ئۇ 2008 – يىلى ۋېنچۇندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 50 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. 2010 – يىلى 10 – سېنتەبىر چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ ناھىيەسىدىكى ئاپەت بولغان رايوندىكى بالىلارغا بىر تۈركۈم تەنھەرىكەت ئايىغى ئىئانە قىلدى. 2009 – يىلى دېھقان ئىشلەمچىنىڭ قىزى قۇرۇلۇش ماشىنىسىدا كۆيۈپ مېيىپ بولۇپ قالغانلىق خەۋىرىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا يوقلاپ بېرىپ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش پۇلىنى ئۈستىگە ئالدى.

      ئەرافات ‹‹جۇڭگو ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ پەرىشتىسى››، جۇڭگو پاراۋنلىق باش جەمئىيىتىنىڭ ‹‹2011 – يىللىق جۇڭگو پاراۋانلىق مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئەلچىسى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 

      ئامىنە ئادىلغازى، قازاق، 15 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 71 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ئامىنە سىنىپتا ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ بىرلىكتە ئۆگىنىپ قېرىنداشلاردەك ئۆتتى. تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈشنى ئەستىن چىقارمىدى. چاڭشېڭ چوڭ ئەترىتى 6 – گۇرۇپپىسىدا بىر ياشانغان موماي بولۇپ تۇرمۇشى جاپالىق ئىدى. ئامىنە بۇنى بىلگەندىن كېيىن دائىم موماينىڭ كىرىنى يۇيۇپ، تامىقىنى ئېتىپ بەردى.

      ئامىنە سايباغ رايونى بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر››، مەكتەپ دەرىجىلىك ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چولپىنى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      ئەكبەر ياقۇپ، 17 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ئۇ چىڭداۋ لېڭشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى چېن شاۋيەن مۇئەللىمنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەشەببۇسنامە چىقىرىپ كۆپچىلىكنىڭ چېن مۇئەللىمگە پۇل ئىئانە قىلىشىنى چاقىردى. ئۇ يەنە مائارىپ ئىدارسى تەشكىللىگەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى›› پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ 1000 خەتتىن ئارتۇق تەشۋىقات ماقالىسى يازدى، يېزىلارغا بېرىپ سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلىدى.

      ئەكبەر مەملىكەتلىك ‹‹يېشىڭتاۋ›› لوڭقىسى ماقالە مۇسابقىسىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      ئىسمايىل، خەنزۇ، 13 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 77 – باشلانغۇچ مەكەپنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ئىسمايىلنىڭ ئەسلى ئىسمى جاۋ ۋاڭزې بولۇپ گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئىدى. 2009 – يىلى 4 – ئايدا ماكانسىز قالغان ئىسمايىلنى پاتىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر بېقىۋالدى. ئۇ بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىدە قېرىنداشلىق مېھرىگە ئېرىشتى، ئۇ ھەر كۈنى ئاتا – ئانىسىغا ياردەملىشىپ چامىسى يەتكۈدەك ئىشلارنى قىلىشىپ بەردى. يىل بويى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان مومىسىغا قارىدى. ئۆزى يىغقان پارچە پۇللىرىنى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلدى.

      ئىسمايىلنىڭ ماقالىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدىكى ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      جاۋ تيەنيى، 12 ياش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى.

      ئۇ سىنىپ كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى. ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن ئىناق ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە بىر قازاق موماي ئولتۇراتتى، موماينىڭ بالىلىرى يېنىدا بولمىغاچقا ئۇ ئارام كۈنلىرىدە موماينىڭ ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ بەردى.

      جاۋ تيەنيى كۆپ قېتىم ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      قۇمۇل ۋىلايىتىدىن

      لۇ گۇاڭلېي، 12 ياش، قۇمۇل يېزا ئىگىلىك 13 – شىسى قىزىليۇلتۇز 1 – مەيدانى مەكتىپىنىڭ 5 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      بۇ سىنىپتىكى قازاق ئوقۇغۇچى يېنا يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قالغاچقا ئوقۇشتا قىينىلىپ قالغانىدى. سىنىپ باشلىقى بولغان لۇ گۇڭلېي بۇنى بىلگەندىن كېيىن باشقا سىنىپ كادىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ سىنىپتىكى ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنى مېيىپلەر ھارۋىسىدا مەكتەپكە كېلىدىغان يېناغا ياردەملىشىشكە مەسئۇل قىلدى.

      يېنا: ‹‹لۇ گۇاڭلېي ۋە ساۋاقداشلىرىم مېنى سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلار ماڭا قۇياش نۇرىنى، مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردى›› دېدى.

      لۇ گۇاڭلېي 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

     ۋۇ شيەنخۇي، 13 ياش، ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ۋۇ شيەنخۇي دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سىنىپىدىكى زىلالە ۋە ئەقىدەنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ چۈشەنمىگەن ماتېماتىكا سوئاللىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.

      ۋۇ شيەنخۇي مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى››، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      گۈلخۇمار ئىسكەندەر، 16 ياش، قۇمۇل شەھەرلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      2012 – يىلى مارتنىڭ بىر كۈنى چۈشتە گۇلخۇمار مەكتەپكە كېتىۋېتىپ ۋېلىسىپىت سوقۇپ يارىلانغان بىر بالىنى ئۇچراتتى. گۈلخۇمار بالىنىڭ يارىسىنى باسقىنىچە ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى.

گۈلخۇمار ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر