باش بەت | پىسخىكا

بالىلاردىكى پىسخىك نورمالسىزلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى

      نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، زامانىمىز كىشىلىرىدە، بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلەردە تۈرلۈك پىسخىكىلىق كېسەللەر كۆرۈلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا پسىخىكا ساغلاملىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە بولغان ئېھتىياج كېلىپ چىقماقتا. كىشىلەر نەزىرىنى تەبىئىي ھالدا تەربىيەنىڭ يادرولۇق ئورنى بولغان مائارىپقا ئاغدۇرماقتا.

      مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلىسىدە جېدەل – ماجرا ئۆكسىمەيدىغان، ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، ئاتا ياكى ئانىسىدىن يېتىم قالغان، ئاتا – ئانىسى تۈرلۈك چايلارغا، ئويۇن – تاماشالارغا ئەرمەك بولۇپ كەتكەن ياكى خىزمىتى بەك ئالدىراش ئائىلىلەردە ئۆگىنىشلا تەكىتلىنىپ، ئادىمىيلىك، ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالغان؛ 2 – دەرسخانا پائالىيەتلىرىمۇ تۈزۈكرەك جانلاندۇرۇلمىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا ئائىت تەربىيە، لېكسىيىلەر چىڭ تۇتۇلۇپ ئۇيۇشتۇرۇلمىغان بىر قىسىم مەكتەپلەردە ھەمدە شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ياشاش بوشلۇقى تارىيىپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە شەخسىيەتچىلىك كۈچىيىپ كېتىۋاتقان مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە پسخىكا ساغلامسىزلىقى بەكرەك گەۋدىلىنىپ چىقىدىكەن، بولۇپمۇ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە قىزىقىدىغان، دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشى تولۇق يېتىلمىگەن ئوقۇغۇچىلاردا بۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا پسخىكا نورمالسىزلىقىنىڭ ئىپادىلىرى بولغان ھەددىدىن ئارتۇق جىمغۇرلۇق، يالغۇزلۇقنى خالاش، ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن، ساۋاقداشلىرى، دوستلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، دائىم باشقىلاردىن، ئۆز – ئۆزىدىن نارازى بولۇش، ئۆزىنى تاشلىۋېتىش، تىرىشماسلىق، ھورۇنلۇق، مەكتەپتىن، ئوقۇشتىن، ئۆگىنىشتىن رايى قايتىپ كېتىش، ئائىلىدىن، مەكتەپتىن قېچىش، مۇھەببەتكە قىزىقىش ياكى مۇھەببەت مەستانىسى بولۇپ كېتىش، ئۆگىنىشتە يولۇققان كىچىككىنە مەسىلە تۈپەيلى بىراقلا بەل قويۇۋېتىش، ئىرادىسىزلىك، ئۆز – ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق، دەرسكە جاۋاپ بېرىشكە ھەم باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئۈمىدسىزلىك، زىيادە گۇمانخورلۇق، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئەپ ئۆتمەسلىك، كۆڭۈل سىرلىرىنى ئاتا – ئانىسىدىن يوشۇرۇش، ھەتتا ئاتا – ئانسىغا ئۆچ بولۇپ قېلىش، جېدەلخورلۇق، ئۇرۇشقاقلىق، ھەسەتخورلۇق، چېقىمچىلىق، شەخسىيەتچىلىك، يالغانچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق پسخىكا نورمالسىزلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا بايقىلىپ ئالدى ئېلىنمىسا، ئۆسۈپ – يېتىلىش باسقۇچىدىكى نوتىلارنى كاردىن چىقىرىپ تاشلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت بۇ جەھەتتە تېگىشلىك رولىنى ئۆتۈشى كېرەك. ئائىلە – بالىلارنىڭ تۇنجى دەرسخانىسى، ئۆمۈرلۈك مەكتىپى، ئاتا – ئانا — بالىلارنىڭ تۇنجى ھەم دائىملىق ئۇستازى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانا بولغۇچىلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى پسخىكا جەھەتتىن ساغلام بولۇپ، كۈندىلىك يۈرۈش –تۇرۇشى، گەپ – سۆزىدە بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى، بالىلىرىدىكى ھەربىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ مەسىلىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى، تەربىيىدىكى زوراۋانلىق، بىر تەرەپلىمىكىنى دېموكراتىك، ئىلمىيلىككە ئۆزگەرتىپ، دوستانە ھالدا ئۆز بالىسىنىڭ قەلب دۇنياسىدىكى چىگىش – تۈگۈنلەرنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. مەكتەپلەر بولسا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى تەكىتلەنگەندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ھېسسىيات، قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى؛ ئوقۇغۇچىلار پسخىكا ساغلاملىقى مەسلىھەت بېرىش ئورنى ياكى ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈزىتىپ، تەتقىق قىلىپ، ۋاقتىدا ‹‹دورا›› بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ سىرتتىن ئالاقىدار تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، قەرەللىك لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسخىكا ساغلاملىقىغا ئائىت چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پسخىك جەھەتتىن توسالغۇغا ئۇچرىغان چاغدىكى يولۇققان مەسىلىلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى بېلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار يەنە ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىك تەربىيىسى بېرىشكىمۇ ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىپ چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىشى؛ دوستانە ھالدا مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈپ، ئۇلاردا دېموكراتىك ئاڭنى يېتىلدۇرەلىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەم ئۇستا، ھەم پىسخولوگ بولۇشى كېرەك. جەمئىيەت بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىيىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى چەكلىشى؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئېزىقتۇرىدىغان، قىزىقتۇرىدىغان، قايدۇرىدىغان پەقەت پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ ئېچىلغان تىجارەت سورۇنلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ ساغلام، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىشى كېرەك.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان