بىر كىشى دانادىن:
– بىرسى ماڭا قەست قىلماقچى بولسا، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ – دەپ سوراپتۇ.
دانا بىر پالتىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپتۇ ھەم ھېلىقى ئادەمدىن:
– ھازىر بۇ پالتىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئاتسام قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن، – دەپتۇ ۋە پالتىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىپتىكەن، پالتا ‹‹تاڭ›› قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.
دانا:
– سەن ئاسماننىڭ نالىسىنى ئاڭلىيالىدىڭمۇ؟ دەپ سوراپتۇ ھېلىقى كىشىدىن.
– پالتا ئاسمانغا زىيان يەتكۈزەلمىگەن تۇرسا، ئاسمان قانداقمۇ نالە قىلسۇن؟
– ئۇنداقتا، پالتا نېمىشقا ئاسمانغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ؟
– ئاسمان شۇنچە ئېگىز، شۇنچە كەڭ تۇرسا، پالتىنى قانچە ئېگىز ئاتقان بىلەنمۇ، ئاسمانغا تەگكۈزگىلى بولمايدۇ – دە، – دەپتۇ ھېلىقى كىشى.
– توغرا، ئاسماننىڭ ئېگىزلىكى، كەڭلىكى ئۇ ئاسماننىڭ كۆڭلى – كۆكسىنىڭ كەڭلىكىدىن بولغان، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كۆڭلى – كۆكسى خۇددى ئاسماندەك كەڭ بولىدىغان بولسا، باشقىلار ئۇنىڭغا قانچىلىك سۈيىقەست قىلغان بىلەنمۇ يەنىلا ئۇنىڭ روھىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، – دەپتۇ دانا.
ھېلىقى كىشى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن پالتىغا قاراپ قويۇپتۇ ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ قويۇپ، قەلبى باشقىچە يورۇپ كەتكەندەك بوپتۇ.