باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئالەم بوشلۇقى قانچىلىك قاراڭغۇ

      ياپونىيە ئاسترونوملىرىنىڭ دوكلاتىدا ئۇلارنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئوتتۇرىچە يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ چىققانلىقى يېزىلغان. سامان يولىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىغا قارىغاندىكى يورۇقلۇق ‹‹قاپقاراڭغۇ توكيو دىسنېي باغچىسى (تەخمىنەن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر)دا ئۈچ تال شام ياققان بىلەن باراۋەر›› ئىكەن. قۇياش نۇرى قاتارلىق نۇرلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن يەر شارىدىن ئالەم بوشلۇقىنىڭ يورۇقلۇقىنى كۆزەتكەندىكى يورۇقلۇقنىڭ سانلىق قىممىتى ئەمەلىي يورۇقلۇق سانلىق قىممىتىنىڭ 1000 ~ 10000 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئاسترونوملار بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ پىلانېت تەكشۈرۈش ئەسۋابى ‹‹ئاۋانگارت 10›› ۋە ‹‹ئاۋانگارت 11››لارنىڭ قۇياشتىن يىراق نۇقتىدا تارتقان سۈرىتىگە ئاساسەن ئالەم بوشلۇقىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ چىققان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان