باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

ئەترەتكە باغلانغان رىشتە

مۇساجان ياسىن (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز)

 

      پوسكام ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى خەيرىگۈل ئەمەت ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان 20 يىلدىن بۇيان بارلىقىنى ئەترەت خىزمىتىگە بېغىشلاپ تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان تەربىيەچىلەرنىڭ بىرى.

      1991 – يىلى يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن خەيرىگۈل ئەمەت پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىسىغا قاراشلىق قاراسۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. خەيرىگۈل مۇئەللىم تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇش، نەزىريىۋى ئەمەلىيەتكە جانلىق تەدبىقلاش، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. 1995 – يىلى رەھبەرلىك ئۇنىڭغا ئەترەت تەربىيەچىلىك خىزمىتىنى تاپشۇردى. خەيرىگۈل مۇئەللىم ناھىيەدىكى باشقا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ چوڭ ئەترەتلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشتى.

      ئوتتۇرا ئەترەتلەر ئارا ئايدا بىر قېتىم ‹‹ئاشلىقنى قەدىرلەيلى››، ‹‹لېي فېڭ روھى نۇر چاچار››، ‹‹ۋەتىنىمنى سۆيىمەن›› قاتارلىق تېمىلاردا ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش، تەسىرات سۆزلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. پىيونېرلارنى گېزىت بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

      2009 – يىلى 9 – ئايدا خەيرىگۈل مۇئەللىم پوسكام ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدى. رەھبەرلىك پىيونېرلار خىزمىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن باش تەربىيەچىنى رىقابەت ئارقىلىق تاللىدى. خەيرىگۈل مۇئەللىم مول تەجرىبىسى، مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن تەربىيەچىلىككە تاللاندى. بۇ مەكتەپتە 35 ئوتتۇرا ئەترەت، 140 كىچىك ئەترەت بولۇپ ئۇ ئالدى بىلەن ھەرقايسى ئەترەتلەرنىڭ يىللىق، مەۋسۇملۇق، ئايلىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ (خەنزۇ) بىلەن دوستلۇق ئورناتتى.

 

   

  سۈرەتتە: خەيرىگۈل مۇئەللىم ئەترەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

 

      خەيرىگۈل مۇئەللىم ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى كۆردى. ئۇ يېزا، ناھىيە، ۋىلايەت بويىچە كۆپ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئۈلگىلىك تەربىيەچى››، ‹‹‹8 –مارت› قىزىلبايراقدارى›› بولۇپ مۇكاپاتلاندى. بۇ يىل 10 – ئايدا ۋىلايەت بويىچە ‹‹ئون مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر