باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىرىنىڭ قىسقىچە ئىش –پائالىيەتلىرى

      تۇرپان ۋىلايىتىدىن

      سادامجان رۇسۇل،17 ياش، پىچان ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ساۋاقدىشى باۋ گۈيزى ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچراپ يوتا سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەندە سادامجان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ياتىقىغا كۆچۈپ كىرىپ ئۇنىڭغا قارىدى.

      سادامجان مەكتەپ بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

      ۋاڭ شۇەيبىڭ، 18 ياش، پىچان ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ۋاڭ شۇەيبىڭ ئەخلاقلىق، ئەلاچى ئوقۇغۇچى، ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق بولۇپ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ساۋاقداشلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى. ئۇ باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1 – يىللىقىغىچە مېيىپ ساۋاقدىشى لى شىننىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىدىن ئىزچىل خەۋەر ئېلىپ كەلدى.

      ۋاڭ شۇەيبىڭ ‹‹لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      جاڭ يىنشيەن، ئون ياش، توقسۇن ناھىيەسى بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      جاڭ يىنشيەن 1 – يىللىقتىن باشلاپلا گۈلزىبا، ساھىبە، ۋىسالە قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن مەكتەپكە بېرىپ – كېلىش، تاپشۇرۇق ئىشلەشتە بىللە بولدى. كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلدى. بىرقانچە قېتىم ۋىسالە، گۈلزىبا ئاغرىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دەرس تەكرارلاپ بەردى.

      جاڭ يىنشيەن مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرشىتى.

      بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن

      بەختىيار مۇھەممەد، 16 ياش، باغراش ناھىيەسى باغراش ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      بەختىيار مۇھەممەد 11 ياش چېغىدا ئاتىسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى پالەچ بولۇپ قالدى. ئاپىسى سىرتقا ئىشلىگىلى كەتكەندە بەختىيار ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئاتىسىنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىپ ئاتىسىغا تاماق ئېتىپ بەردى.

 

      ما شياۋيۇڭ، خۇيزۇ، 13 ياش، خېجىڭ ناھىيەلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 7 – يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى.

      ما شياۋيۇڭ سىنىپ كادىرى، ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر ئىدى. ساۋاقداشلىرى ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويدى.

ما شياۋيۇڭ مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى›› ۋە ‹‹باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدىغان ياخشى ئۆسمۈر›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      دىلشات لېتىپ، 11 ياش، كورلا شەھەرلىك 11 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 5 – يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى.

      دىلشات مەكتەپنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىدە جاڭ ليۇچاۋ بىلەن قوشماق بولۇپ ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان يىغقان پۇلىغا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار يەتتە ساۋاقدىشىغا يېڭى مەكتەپ فورمىسى ئېلىپ بەردى.

      دىلشات مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹لېي فىڭدىن ئۆگىنىشتىكى مۇنەۋۋەر كىچىك نەمۇنىچى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر