باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

قانۇننىڭ قۇدرىتى

(ھېكايە)

ئابدۇلئەزىز ئىسمايىل

       قىشلىق تەتىلنىڭ ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن زېمىن ئاپئاق تون كىيگەن، مۇدھىش شىۋىرغان يېقىمسىز ھۇۋلايتتى. تىرىشچان مىرادىل ئاتا – ئانىسىنى تەستە قايىل قىلىپ قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئىنگلىز تىلى كۇرسىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغانىدى. ئۇ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز – كۆزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ ناشتا قىلغاندىن كېيىن قېلىن يۇڭ بۆكىنى چۆكۈرۈپ كىيدى، ئاندىن سومكىسىنى ئاستى – دە روھلۇق، جۇشقۇن كەيپىياتتا شەھەرلىك ئۆسمۈر – بالىلارنى تەربىيەلەش مەركىزىگە قاراپ يول ئالدى. يول تېيىلغاق بولۇپ دىققەت قىلمىسا يىقىلىپ چۈشەتتى. تەربىيەلەش مەركىزىگە قايرىلىدىغان چوڭ يول دوقمۇشىغا كەلگەندە ‹‹گېزىت ساتىمەن، گېزىت، گېزىت ئېلىۋېلىڭلار!...›› دېگەن تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۇ چىپپىدە توختاپ، 10 قەۋەتلىك سودا ساراينىڭ ئالدىدا گېزىت سېتىۋاتقان پارتىدېشى قابىزجاننى كۆردى. بېشىغا ھەربىيچە نىمكەش قۇلاقچا، ۋىجىك ئۇچىسىغا بوز رەڭ قېلىن بوغماق چاپان كىيگەن قابىزجان جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقتا بىر باغلام گېزىتنى كۆتۈرۈپ تىترەك ئارىلاش ئاۋازدا ئەنە شۇنداق تىنىمسىز ۋارقىرايتتى. ئۇنىڭ ئاقپىشماق چىرايى كۆكىرىپ، قاش، كىرپىكلىرىنى ئاپئاق قىروۋ باغلاپ كەتكەنىدى. مىرادىل دوستىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ:

      — ئاداش، ئىنگلىز تىلى كۇرسىدا ئوقۇماي سوغۇقتا گېزىت ساتقىلى تۇرۇپسەنغۇ؟ – دېدى ئۇ قابىزجانغا ئېچىنىپ، ئىچ ئاغرىتىپ تۇرۇپ.

      — مېنىڭمۇ تازا ئوقۇغۇم بار، – دېدى قابىزجان كۆزىگە لۆممىدە ياش ئېلىپ، – دادام باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگەنگەننىڭ نېمە پايدىسى؟ تولا بېشمنى ئاغرىتماي ئاكاڭغا ياردەملىشىپ گېزىت سات، تەتىل توشقۇچە گېزىت سېتىپ مىڭ يۈەن تاپالمىساڭ پۇت – قولۇڭنى چېقىۋېتىمەن دەپ...

      ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي يىغلاپ كەتتى. بىچارە دوستىنىڭ ھەسرەتلىك يىغىسى، سوغۇقتا شۈمشەيگەن غېرىپ، مىسكىن ھالىتى مىرادىلنىڭ يۇمران دىلىنى ئېزىپ، تېنىنى زەخمەك تەككەن تەمبۈر تارىسىدەك تىترەتتى. كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى.

      — ئائىلەڭلارنىڭ ئەھۋالى بىزنىڭكىدىن ياخشى تۇرۇپ داداڭنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ؟ يۈرە، مەن ئېلىپ ماڭغان 300 يۈنگە ئىككىمىز بىللە ئوقۇيلى.

       — ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت ئاداش، تەتىل توشقۇچە گېزىت سېتىپ مىڭ يۈەن تاپمىسام بولمايدۇ. ئاكام ئۆتكەندە 200 يۈەننى كەم تاپشۇرۇۋېدى دادام ئۇرۇپ، تىللاپ ئىككى كۈن تاماق بەرمىدى.

      — ئاكاڭ ئوقۇمدۇ؟

      — ئاكامنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 3 – يىللىقىغا چىقىشى بىلەن دادام ئۇنى مەكتەپتىن مەجبۇرى چىقىرىۋېلىپ گېزىت سېتىشقا سالدى. مېنىمۇ مەكتەپتىن چىقىرىۋالىمەن دەيدۇ، دادامغا پۇل بىلەن ھاراق بولسىلا بولدى، ئاكام ئىككىمىزنىڭ ئىستىقبالى بىلەن قىلچە كارى يوق، ئەگەر مېنى ئوقۇغىلى قويمىسا ئىچكىرىگە قېچىپ كېتىمەن.

      — ھەرگىز ئۇنداق قىلما ئاداش، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئامال يوق ئەمەس.

      — نېمە ئامال بەر دەيسەن، دادام بەك جاھىل، ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ.

      — ئاكاڭنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغاندا مۇئەللىمنىڭ كارى بولمىدىمۇ؟

      — كارى بولمامدىغان، مۇئەللىم كەلسە دادام: ‹‹پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دەپتىكەن، تولا بېشىمنى ئاغرىتىشماي كۆزۈمدىن يوقىلىش!›› دەپ مۇئەللىمنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتتى.

      — ئەسلى مۇنداق ئىكەندە، داداڭنىڭ قىلمىشى ‹‹توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى›› قانۇنى ۋە ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››غا خىلاپ، يۈر، بىز بۇ ئەھۋاللارنى مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ ئىنكاس قىلايلى.

      — ئۇنداق قىلساق دادام مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

      — ئىدىيە – ئەخلاق دەرسى بېرىدىغان قەيسەر مۇئەللىمنىڭ سۆزى يادىڭدا يوقمۇ؟ بۇ دېگەن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان سوتسىيالىستىك جەمئىيەت. ئازاب – خورلۇققا ئۇچرىغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشىمىز لازىم.

      مىرادىل سۆزىنى تۈگىتىپلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مائارىپ ئىدارىسى تەرەپكە قاراپ قۇيۇندەك چاپتى.

      ئەتىسى ئەتىگەندە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىرنەچچە ساقچىنى ئەگەشتۈرۈپ قابىزجاننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇلار پۇل ئۈچۈن يۈرەك پارىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشنى خالىمايدىغان رەھىمسىز، تاش يۈرەك دادىنى تۇشمۇتۇشتىن تەنقىدلەشكە باشلىدى. ساقچىخانا باشلىقى قابىزجاننىڭ دادىسىغا يەنە جاھىللىق قىلىپ بالىلىرىنى ئوقۇتماي گېزىت سېتىشقا بۇيرۇسا، خورلىسا قانۇن بويىچە جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

      شۇنىڭدىن كېيىن قابىزجاننىڭ دادىسى ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان كۆيۈمچان دادىغا ئايلاندى. ئۇ ھاراق ئىچىشنى تاشلىدى. يېڭىباشتىن سودا – سېتىققا كىرىشىپ ھالال مېھنىتى بىلەن پۇل تېپىپ، بالىلىرىنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

(ئاپتور كەلپىن ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي