باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

بۇغدايلىققا ئوت قويۇش

(ياپون خەلق چۆچىكى)

      دېڭىز ياقىسىدىكى بىر كەنتنىڭ ئارقىسىدىكى تاغدا بىر بوۋاي نەۋرىسى بىلەن بىللە ياشايدىكەن. بوۋاي ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا بۇغداي تېرىيدىكەن.

      بىر يىلى بۇغدايلار ناھايىتى ئوخشاپتۇ. بوۋاي بىلەن نەۋرىسى بۇنىڭدىن خۇشال بوپتۇ. ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن بىر كۈنى بوۋاي تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ دېڭىزنى كۆزىتىپتۇ. تۇيۇقسىز ئۇ نەۋرىسىگە:

      — دەرھال ئىككى مەشئەل تېپىپ كەل! — دەپتۇ. قۇلىقى يۇمشاق نەۋرىسى دەرھال ئۆيىگە بېرىپ ئىككى مەشئەل ئېلىپ كەپتۇ. بوۋاي لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بىر مەشئەلنى قولىغا ئېلىپ تازا سارغىيىپ پىشقان بۇغدايلارغا ئوت قويۇۋېتىپتۇ. نەۋرىسى جىلى بولۇپ:

      — بوۋا، نېمە قىلىۋاتىسىز؟ — دەپ ۋارقىراپتۇ.

      — سۆزۈمنى ئاڭلا، — دەپتۇ بوۋاي جىددىي ھالدا، — قولۇڭدىكى مەشئەل بىلەن بۇغدايلىققا ئوت ياق!

      ئەزەلدىن بوۋىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدىغان نەۋرىسى يىغلاپ تۇرۇپ بۇغدايلىققا ئوت قويۇپتۇ. بۇغدايلار گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ. قاپقارا ئىس – تۈتەك ئاسمانغا تاقىشىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كەنتتىكى چوڭ – كىچىك ھەممەيلەن تاغقا ئوت ئۆچۈرگىلى چىقىپتۇ. بۇ چاغدا ئېتىزلىقتىكى بۇغدايلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ بوپتۇ. كۆپچىلىك ئەجەبلەنگەن ھالدا: ‹‹بۇغدايغا قانداق بولۇپ ئوت كەتكەندۇ؟›› دەپ غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ.

      — مەن ئوت قويدۇم، — دەپتۇ بوۋاي.

      كىشىلەر بوۋاينى ئورۇۋېلىپ غەزەپلەنگەن ھالدا:

      — نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ — دەپ سوراپتۇ.

      — قاراڭلار، — دەپتۇ بوۋاي ۋە قولى بىلەن دېڭىزنى كۆرسىتىپتۇ. كىشىلەر قارىسا دېڭىزدا تاغدەك –تاغدەك دولقۇنلار كۆتۈرۈلۈپ كەنتكە قاراپ كېلىۋاتقۇدەك. ھەش – پەش دېگۈچە ھەيۋەتلىك دولقۇنلار كەنتنى يالماپ يۇتۇپ تۈپتۈز قىلىۋېتىپتۇ. شۇ چاغدىلا كىشىلەر بوۋاينىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپتۇ. ئەسلىدە بوۋاي بۇغدايلىقىغا ئوت قويۇش ئارقىلىق كەنتتىكى كىشىلەرنى تاغقا چىقىرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇۋالغان ئىكەن. كۆپچىلىك بوۋاينىڭ دانىشمەنلىكىنى ماختاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر