باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش ۋە يېتەكلەش

پەرھات ئىمىرنىياز

      مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە نەتىجىسى ئەلا، ياخشى، ئوتتۇراھال، لاياقەتسىز بولۇشتەك ھالەت ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم، شۇنداقلا قىيىن مەسئۇلىيىتى. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ھەربىر سىنىپتا مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ئارقىدا قېلىش سەۋەبى خىلمۇخىل ئامىللارغا باغلىق. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشىمىز لازىم. سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش مەسىلىنىڭ يېرىمىنى ھەل قىلغانغا باراۋەر. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبى كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بولۇپ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللاردۇر.

      فىزولوگىيەلىك تەسىر. ئوقۇغۇچىنىڭ فىزولوگىيەلىك تەرەققىياتىنىڭ تولۇق بولماسلىقى، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇشى، قوبۇل قىلىش توسالغۇغا ئۇچراش، ئىنكاسى، تەپەككۇرىنىڭ ئاستا بولۇش سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكى. يېزىلاردىكى بەزى ئاتا – ئانىلار مەكتەپتە مۇنتىزىم تەلىم ئالمىغان، بالا تەربىيەلەشتە يېتەرلىك ساۋاتى يوق بولۇپ بالىنى چوڭ قىلسىلا، قورسىقى ئاچ، ئۇچىسى يالىڭاچ قالمىسىلا كۇپايە، بالىلىرىنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ھەققىدە ئويلاشماسلىق خاھىشى ئېغىر بولۇپ ئائىلە تەربىيەسى كىچىكىدىن ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغان. ئۇلار بالىلىرىنى پەقەت مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەكتەپكە بەرگەن، لېكىن بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى پائالىيىتىنى سۈرۈشتە قىلمايدىغان، ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر.

      مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكى. ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئاساسىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلىمەسلىكى، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىشكە سەل قارىغانلىقى، بالىنى قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئېنىق لايىھە، چارە تۈزۈشكە سەل قارىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا نۇقتىلىق يېتەكلەش تەدبىرى كەمچىل، قاراتمىلىقى يېتەرسىز بولۇشتەك ئامىللار مەۋجۈت.

      دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يېتەرسىزلىكلەر بولۇش، ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاساس قىلماسلىق، تەدرىجى ئىلگىرىلىتىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلماسلىق، بىلىمنى زورلاش خاھىشى مەۋجۈت بولۇش، جەلپ قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇش، مۇۋاپىق ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرمەسلىك قاتارلىقلار. بولۇش. ئوقۇتقۇچىلار ‹‹خېلى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆزلەشتۈردۈم، ئاز ساندىكى ئارقىدا قالغانلار ئاستا – ئاستا يېتىشەر›› دەپ سەل قاراش، چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنمەسلىك، يېتەكلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، مەلۇم ئۇسۇلنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ قوللانغان ئۇسۇل ئۈستىدە ئويلانماسلىق، ئىزدەنمەسلىك، يېتەكلەشتە ئىزچىل بولماسلىق، (ئەتىگەندە كۆچەت تىكىپ كەچتە سايىدايدىغان ئىش نەدە بار؟)، ئۇسۇلنىڭ توغرا بولماسلىقى، مەزمۇنىنىڭ ماسلاشماسلىقى، يېڭىلىققا يۈزلىنىش ۋە ئىسلاھات سالمىقىنىڭ ئاجىز بولۇشى قاتارلىقلار.

      شۇ ئورۇننىڭ مائارىپ قارىشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى. جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، مەكتەپ بىلەن ئالاقىسىنىڭ يېقىن بولماسلىقى قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللاردۇر.

      ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش ۋە يېتىشتۈرۈشتە يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەرنى ئەستايىدىل ئېتىبارغا ئالغان ئاساستا كۆيۈنۈش بىلەن تەلەپنى چىقىش قىلىپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىم دەپ بىلىپ يېقىندىن كۆيۈنۈشىمىز، ئۇلارنىڭمۇ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇلار قايسى تەرەپتە ئارقىدا قالغان بولسا شۇ تەرەپتىن كۆپرەك ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

      ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپرەك سوئال سوراش، ئاددىيراق سوئال سوراش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

      ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى پىيونېرلار ئەترەت پائالىيتى، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتناشتۇرۇشىمىز، ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يېتەكلەشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ‹‹مەن ھامىنى ياغلىق قاپاق›› دەيدىغان پاسسىپ كەيپىياتىنى، كۆڭۈل جاراھىتىنى تۈگىتىشىمىز، غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.

      يىغىپ ئېيتقاندا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلھاملاندۇرۇش پىرىنسىپىدا يېتەكلەپ، خىلمۇخىل ئىجابىي ئۇسۇللارنى جانلىق قوللىنىپ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچىلارغا، تەدرىجى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.

(باي ناھىيەسى ياتۇر يېزىسى ئولپاڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

جاۋابكار مۇھەررىر: گۈلنار ئابلىز

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر