باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

يۇمغاقسۈت بىلەن ئاشقازان كېسىلىنى داۋالىلىغىلى بولىدۇ

      يۇمغاقسۈت ئېلىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. يۇمغاقسۈتنىڭ تەبىيىتى ھۆل ئىسسىق بۇلۇپ، تالنى ياخشىلاپ تاماق سىڭدۈرۈش، تەرلىتىپ قىزىتمىنى ياندۇرۇش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇمغاقسۈت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ ئاشقازان ئاغرىش، مايلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازانغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.

      ئۇسۇلى: يېڭى يۇمغاقسۈتتىن 50 - 100 گىرامغىچە ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە بىر باش ئاق تۇرۇپنىڭ سۈيىنى قۇيۇپ دەملەپ ئىچىمىز، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلاردىكى ئاشقازان كېسىلى، بەدەننىڭ يېرىمى ئۇيۇشۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى. ئادەتتە كۈنىگە بىر قېتىم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. لېكىن، بەك كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان