باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

بالىلار ئاپتاپ كۆزئەينىكى تاقاشتا دىققەت قىلشقا تېگىشلىك ئىشلار

      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلارنىڭ مۇڭگۈز پەردىسى بىلەن كىرىستال تەنچىسى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا سۈزۈك بولغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىكەن. ئەگەر ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسا مۇڭگۈز پەردىسىنىڭ ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى زەخمىلىنىشى بىلەن بىللە، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغلار كۆيۈپ زەخىملىنىدىكەن، ھەتتا كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن. شۇڭلاشقا يازدا بالىلارنىڭ تېرىسىنى ئاپتاپتىن ساقلىغاندىن سىرت، يەنە كۆزنىمۇ ئاسراش كېرەك. بالىلار قۇياشقا بىۋاستە قارىماسلىقى، چۈش سائەت 12دىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە بولغان ئارلىقتا ئىنفىرا قىزىل نۇر ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئامال بار سىرتقا چىققان ۋاقىتتا ئۇچى ئۇزۇن شەپكىلەرنى كىيىۋېلىشى، كۈنلۈك تۇتۇۋېلىشى كېرەك. ئاپتاپ كۆزەينىكىنى تاقاش ھەممە بالىلارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئاپتاپ كۆز ئەينىكىنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاپتاپ كۆزئەينەكى سۈپەتسىز بىر قىسىم ئادەتتىكى ئەينەكتىن ياسىلىدۇ، ھېچقانداق ئىنفىرا قىزىل نۇردىن ساقلاش رولى يوق. بۇنداق سۈپىتى ناچار ئاپتاپ كۆزئەينىكنى تاقىغاندا كۆز قارىچۇقى كېڭىيىپ كېتىدۇ، ئىنفىرا قىزىل نۇر كۆز ئەينىكىنى تاقىمىغانغا قارىغاندا بەكرەك كۆزنى زەخمىلەندۈرىدۇ.

      مۇنتىزىم كۆز ئەينەك دۇكانلىرىغا بېرىپ UV بەلگىسى ئويۇلغان كۆز ئەينەكلەرنى تاللاپ سېـتىۋېلىش كېرەك. كۆز ئەينەكنىڭ رەڭگىنى تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى كۈلرەڭ، چاي رەڭگىدىكىسىنى تاللاش، ئەينەكنىڭ يۈزى ۋە جازىسىنى بالىلارنىڭ يۈز قىسمىغا ماس كېلىشى، بەك ئېغىر ۋە چوڭ كۆز ئەينەكلەرنى تاللىماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا سېيىرىلىپ چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ھەر قانچە سۈپەتلىك كۆز ئەينەكنى بىرەر سائەت تاقىسىلا كۇپايە.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان