باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

سۈنئىي كۆز ئەمالارنى قايتا يورۇلۇققا ئېرىشتۈرىدى

 

      ئەنگلىيە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى يېقىندا ‹‹سۈنئىي كۆز›› مىكرو ئۆزەك ياپراقچىسىنى ئورنىتىش تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىش سىنىقىنى تاماملىدى. بۇ سىناق ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغان ئەنگلىيەلىك ئىككى ئەماغا ‹‹سۈنئىي كۆز›› مىكرو ئۆزەك ياپراقچىسى كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، كۆرۈش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلگەن.

      ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۈچ مىللىمېتىر كېلىدىغان بۇ مىكرو ئۆزەك ياپراقچىسىنى گېرمانىيەدىكى بىر شىركەت تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭغا 1500 پىكسىللىق كۆرۈش سېزىمى ئورنىتىلغان، بۇ خىل ئىقتىدار ئادەمنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كۆرۈش سېزىمى ھۈجەيرىسىنىڭ كۆرۈش دەستىسىگە ئوخشاش ئىشلەيدۇ. بۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خادىم مۇنداق دېگەن: ‹‹ھەربىر ئاغرىقنىڭ كۆرۈش سېزىمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيىش قىيىن، چۈنكى بۇ تېخنىكا نۆۋەتتە دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، بىراق كۆرۈش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان ئەمالار بۇ تېخنىكىنىڭ كۆرۈش سېزىمىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسىمۇ، بىراق ئۇلاردا يورۇقلۇق ئاتا قىلغىنىنىڭ ناھايىتى گۈزەل بىر ئىش››.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان