باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئەترەت پائالىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرايلى

گۇڭ دەن

      ئەترەت پائالىيىتى ھەر دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتى تەشكىللىگەن پىيونېرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك پائالىيەت. ئەترەت پائالىيىتىنىڭ جەريانى پىيونېرلار ئىختىيارىي قاتنىشىدىغان، ئۆزى تاللايدىغان، ئۆزى مۇستەقىل باشقۇرىدىغان جەرياندۇر. ئەمما بۇ جەرياندا چوڭلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى كەم بولسا بولمايدۇ، لېكىن زورلاپ بۇيرۇق قىلىشقا، چوڭلار ۋاكالىتەن قىلىشقا بولمايدۇ. تەربىيەچىلەر دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ يېشىغا ئاساسەن پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلغاندا ئەترەت پائالىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى ئۈنۈملۈك كۈچىيىپ، پىيونېرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ياخشى تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ھېس قىلغان چۈشەنچىمىز، شۇنداقلا مەكتىپىمىزنىڭ ‹‹ئۆزى تاللاش، ئۆزى قاتنىشىش، ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزى باھالاش››تىن ئىبارەت ‹‹تۆت ئۆز›› پائالىيەت ئەندىزىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئەترەت پائالىيىتىنىڭ چاقىرىق كۈچى، جەلپكارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەركىزىي ئىدىيەدۇر.

      1. يېرىم ئاشكارا پائالىيەت لاھىيەسىنى پىيونېرلار ئۆزى تاللىغاندا پائالىيەتنىڭ چاقىرىق كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ

      يېرىم ئاشكارا پائالىيەت تىزىملىكى مەكتىپىمىز چوڭ ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي جازىسىنى لايىھەلەپ چىققاندىن كېيىن ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلەش، پايدىلىنىش بىلەن تەمىنلەيدىغان پائالىيەت تىزىملىكىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى خىزمەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىيونېرلارنى ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن مۇلاھىزە قىلىش، پائالىيەت مەزمۇنىنى ئۆزى تاللاشقا تەشكىللەش ئارقىلىق مەزكۇر ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدە پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەت ياكى سىنىپلار گۇرۇپپىسى چوڭ ئەترەت تەمىنلىگەن پائالىيەت پايدىلىنىش تىزىملىكىنى قوللانسا ياكى مۇشۇ تىزىملىكنى ئاساس قىلغان ھالدا بەلگىلىك دەرىجىدە يېڭىلىق ياراتسا بولىدۇ. مەسىلەن، ‹‹مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، خۇشاللىق پائالىيىتى›› مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق چوڭ ئەترەت ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتنى ئۆگىنىش، ماھارىتىنى نامايان قىلىش، زېھىن سىناش ئويۇنى، ئۇنىۋېرسال ئەدەبىيات – سەنئەت قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن مۇسابىقىلىشىدىغان، باش تېمىسى چەكلمىگە ئۇچرىمايدىغان پائالىيەت تىزىملىكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پىيونېرلارنىڭ قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ مۇسابىقىدە شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەسىلەن، 3 – يىللىق 1 – سىنىپ ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىش پائالىيىتى نەتىجىسىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ 4 – يىللىق 2 – سىنىپنىڭ ئىلىم – پەن كىچىك تەجرىبىسى كىشىگە ئىلھام بېرىدۇبۇلارنىڭ ھەممىسى پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشنى، ئۆگىنىشنى، ئىلىم – پەننى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بىرىدىغانلىقى، ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

      ئۆزى تاللاش ئەترەت پائالىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، پىيونېرلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا چوڭقۇر جەلپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن كوپچىلىك مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئەڭ قىزىقارلىق پائالىيەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ پىيونېرلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن مەكتىپىمىزنىڭ ئەترەت پائالىيىتىدە ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

      2. يېڭى تاراتقۇ ئارقىلىق ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغاندا پىيونېرلار ئۆزى قاتنىشىپ، پائالىيەتنىڭ جەلپكارلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ

      پائالىيەت شەكلىنىڭ يېڭىلىققا، دەۋرچانلىققا ئىگە بولۇش – بولماسلىقى پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتكە ئۆزى قاتنىشىشىنى جەلپ قىلىدىغان مۇھىم ئامىل. ھازىرقى جەمئىيەت ئاللىبۇرۇن تور دەۋرىگە قەدەم قويدى، بالىلار تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىش بوشلۇقى ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. يېڭى تاراتقۇلار ئۆزگىچە ئۇچۇرلارنى تارقىتىش شەكلى بىلەن پىيونېرلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكتە ھەم ئۆگىنىش يۆنىلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى توردا خەۋەر كۆپ بولۇش، چوڭ بوشلۇقنى نامايان قىلغىلى بولىدىغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ئوتتۇرا ئەترەت، مەكتەپ، ئائىلە، مەھەللە قاتارلىقلارنىڭ رايون چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى تاراتقۇ ئارقىلىق ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ پىيونېرلارنىڭ بوشلۇق ۋە ۋاقىت جەھەتتىن ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرغاچقا ئەترەت پائالىيىتى دەۋرچانلىققا، جەلىپكارلىققا تولدى. مەسىلەن، ‹‹دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىش، ۋەتىنىم تەرەققىي قىلسا مەن ئۆسۈپ يېتىلىمەن›› تېمىلىق ئەترەت يىغىنىنى باھالاپ كۆرسەتكەندە ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەر تېمىنى ئۆزلىرى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى. پىيونېرلار توردىن پايدىلىنىپ دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ تارىخى ۋە شاڭخەينىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى بەس – بەستە توپلىدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنى كۈتۈۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىدە تارتقان كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق پائالىيەت جەريانىنى جانلىق نامايان قىلدى. پىيونېرلار كامىرا لېنزىسىدا ئۆزى، ھەمراھلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆرگەندە ھاياجانلاندى. پائالىيەتنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ ئىلگىرى مەكتەپ مەمۇرىي خادىملىرى، تەربىيەچىلەر ۋە پىيونېرلار ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ باھالاشقا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. چوڭ ئەترەت ھەربىر تېمىلىق ئەترەت يىغىنىنىڭ سىنئالغۇسىنى مەكتەپنىڭ PTF تورىدا قويغاچقا پىيونېرلار ئۆز ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەھۋالىنى تورغا چىقىپ كۆرۈشكە ئىنتايىن تەقەززا بولدى ھەم باشقا ئوتتۇرا ئەترەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنىمۇ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ باھاسىنى يېزىپ قالدۇردى. چوڭ ئەترەت بۆلۈمى ۋە ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەر يوللىغان ئۆزگىچە پائالىيەت سۈرەتلىرى، ئىزاھات قاتارلىقلار مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق جەلىپ قىلىۋالغاچقا ئۇلار ئەترەت خىزمىتى ئۇچۇرى، پائالىيەت لايىھەسى، پائالىيەت تەرەققىياتى ۋە نەتىجىسىنى كۆرۈشكە ئالدىرىدى. پىيونېرلار قىزىق نۇقتىغا دىققەت قىلىدىغان، قىزغىن قاتنىشىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىغان يېڭى سەھنە بارلىققا كەلدى.

      بىز مەكتەپ ئىچى تورىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا يەنە مەكتەپ بىلەن ئائىلە تورىنى ئاچتۇق. بۇنىڭ بىلەن ئاتا – ئانىلار، مەھەللىلەر مەكتەپ ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى، پىيونېرلارنىڭ شەرىپى، ئوتتۇرا ئەترەت كوللېكتىپىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ، ئەترەت پائالىيىتىنىڭ ئائىلە ۋە مەھەللىگە قاراپ كېڭىيىشىنى قوللىدى.

      مەكتىپىمىز توردىن باشقا تېملىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بىلەن توردىكى پائالىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، ئۇلار خۇشاللىق ئىچىدە ئەترەت پائالىيىتىنىڭ دەۋرچانلىققا ھەم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

      3. ئوتتۇرا ئەترەتنى نىشانلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پىيونېرلار باشقۇرغاندا پائالىيەت تېخىمۇ ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ

      ئەترەت پائالىيىتى ئەترەت تەشكىلاتى ئۆسمۈر – بالىلارنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ئاساسىي ئامىل، ئەمما بۇ ھەرقانداق پائالىيەتتە ئۆسمۈر – بالىلارنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت ئەترەت كوللېكتىپى ئورتاق كۈرەش قىلىش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىدە ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا پىيونېرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتنىشىشنى جەلپ قىلىپ، ئورتاق نىشانغا ئاتلانغىلى ھەم كوللېكتىپنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەكتىپىمىز پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى ئوتتۇرا ئەترەت نىشانلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، نىشانلىق باشقۇرۇش تەرتىپىنى لايىھەلىدى: نىشاننى سوراش، بەلگىلەش، ۋاسىتە ئىزدەش، بايلىق مەنبەسى توپلاش، يول باشلاشنى ئۆگىنىش، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. پىيونېرلار ھەر قېتىملىق ئەترەت پائالىيىتىدە مەسلىھەتلىشىپ مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەم ئېنىق نىشاننى چۆرىدەپ پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەر پائالىيەتنى باشقۇرۇش دائىمىي كومىتېتىنى قۇرۇپ، ئايرىم – ئايرىم تەشكىلات گۇرۇپپىسى، تەشۋىقات گۇرۇپپىسى، لايىھەلەش گۇرۇپپىسى، ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، سەھنە جابدۇقلىرى گۇرۇپپىسى، ماھارەت كۆرسىتىش گۇرۇپپىسى قاتارلىقلارنى قۇردى. ھەر قېتىملىق ئەترەت پائالىيىتىنىڭ تېمىسى بىلەن نىشانى بېكىتىلگەندىن كېيىن پىيونېرلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن گۇرۇپپىلارنى تاللاپ پائالىيەت ۋە باشقۇرۇشقا قاتناشتى. مەسىلەن، 4 – يىللىقتىكى ‹‹ئالتۇن ئاپتەپپەرەس ئوتتۇرا ئەترىتى››دىكى پىيونېرلار چوڭ ئەترەت ئۆتكۈزگەن ‹‹خۇ جىنتاۋ بوۋىنىڭ تەبرىك خېتىنى ئۆگىنىپ، تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇش قىزىل گالىستۇكلۇقلار پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇلار ئوتتۇرا ئەترەت نىشانىنى قۇرغاندا ‹‹كۆڭۈللۈك ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقىرى ئۆرلەش››نى تېما قىلدى. تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىكى پىيونېرلار ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئەترەتتە پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، مەنىسىنى تەشۋىق قىلىپ ھەربىر پىيونېرغا ‹‹كۈڭۈللۈك ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقىرى ئۆرلەش››نىڭ ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشنىڭ بىر يولى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەچكە ئوتتۇرا ئەترەتتە بىردەك پائالىيەت نىشانى شەكىللەندى؛ پىلانلاش گۇرۇپپىسىدىكى پىيونېرلار پائالىيەتنى ئورۇنلاش شەكلىنى لايىھەلەپ، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى تەسىرلىك، ئىرادىلىك، تەسىرچانلىققا ئىگە بولغان تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى توپلاپ رەتلىدى؛ ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسىدىكى پىيونېرلار پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىك سۆزىنى يېزىشقا مەسئۇل بولدى ھەم رىپتىس قىلدى؛ سەھنە جابدۇقلىرى گۇرۇپپىسىدىكى پىيونېرلار كۆپ ۋاسىتىلىك ئىشلەشكە ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ قوللىشى ھەم پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا مەسئۇل بولدى؛ ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكىلەر پائالىيەتتە كۆرۈلىدىغان ھەر خىل ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ھەم پائالىيەتكە ماسلىشالمىغان پىيونېرلارغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولدى؛ ئوتتۇرا ئەترەت باشقۇرۇش دائىمىي كومىتېت ھەيئىتى بارلىق پائالىيەتتە نازارەت قىلىش، ياردەم بېرىش رولىنى ئويناپ، پىيونېرلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا دەل ۋاقتىدا مەدەت بېرىپ، ئۆزئارا ئىلھاملاندۇرۇپ پائالىيەتنىڭ قانات يېيىش ئەھۋالى ۋە تەربىيەچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ھەرقايسى فونكىسسىيەلىك گۇرۇپپىلارنىڭ خىزمىتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىدىغان، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا پائالىيەتتە پىيونېرلار ئۆزلىرى خوجايىن بولۇپ، مۇستەقىل باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى؛ ئورتاق نىشاننى ئورتاق قۇرۇشتا پىيونېرلار ئۆسۈپ يېتىلىش خۇشاللىقىغا ئىنتىلدى؛ دېموكراتىك، باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن كوللېكتىپتا پىيونېرلار بەختتىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىپ گۈزەل ئەتىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

      ‹‹كوللېكتىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە شەخس خۇشال بولىدۇ، شەخس ئالغا ئىلگىرىلىگەندە ئۆزى خۇشال بولىدۇ››، بۇ پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشتىن ئورتاق ئېرىشكەن تەسىراتى. ئەترەت كوللېكتىپ پائالىيىتى پىيونېرلارغا ھۇزۇرلىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ئاتا قىلدى، ھەربىر پىيونېرنى ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ ئەتراپىغا مۇستەھكەم ئۇيۇشتۇردى، پىيونېرلار ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيتى بارلىقىنى تونۇپ يەتتى.

      4. ئىناق، ئازادە دېموكراتىك كەيپىياتنى يارىتىپ، ئۆزىنى باھالىغاندا پائالىيەت تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ئىگە بولىدۇ

      ھەر قېتىم ئەترەت پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا پىيونېرلار ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا، بىز ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتنى پائالىيەتكە توغرا باھا بېرىشكە، ئازادە، ئىناق، دېموكراتىك باھالاش كەيپىياتى يارىتىپ، پىيونېرلارنى سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلپ راست گەپ قىلىشقا ئاكتىپ يېتەكلدۇق. ئۆز – ئۆزىنى باھالاشنى يولغا قويغاندا پىيونېرلار باھالاش جەريانىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ پائالىيەتتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ. پارتىداشلار ئۆزئارا باھالاش، كىچىك گۇرۇپپىلار ئۆزئارا باھالاش، ئوتتۇرا ئەترەت ئۆزئارا باھالاش، ئۆزى ھەمراھ تېپىپ ئۆزئارا باھالاش قاتارلىق باھالاش شەكىللىرىنى ئايرىم قوللىنىشقىمۇ ياكى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. باھالاش ۋاقتىنى ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن بەلگىلەپ، ھەپتىدە بىر قېتىم ياكى ئايدا بىر قېتىم ياكى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ. ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك باھالاش ئارقىلىق پىيونېرلارنى پائالىيەتنى مۇلاھىزە قىلىشقا ھەم ئۆز – ئۆزىنى تەڭشەش، ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز – ئۆزىنى تۈزىتىشكە ئاكتىپ يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن، 3 – يىللىقتىكى ‹‹لوپا ئەينەك ئەترىتى››دىكى پىيونېرلار ئۆزى لايىھەلىگەن ئوتتۇرا ئەترەت ‹‹كىچىك بۈركۈت›› مېدالى ‹‹ھۇزۇرلىنىش مېدالى›،نى تالىشىش ئۈچۈن ئايدا بىر قېتىم باھالاش، ئايدا بىر مېدال تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ‹‹ھۇزۇرلىنىش مېدالى›› بىر لوپا ئەينەك ۋە ئېچىلىۋاتقان غۇنچىدىن تەشكىل تاپقاپ بولۇپ، لوپا ئەينەك پىيونېرلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھەمراھلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېپىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، كىچىك غۇنچە ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ھەربىر پىيونېرنىڭ گۈلگە ئوخشاش چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پىيونېرلار ‹‹ھەربىر كۈننى پاكىز كۈتۈۋېلىش››، ‹‹ئىشلىتىپ بولغان نەرسىنى ۋاقتىدا ئۆز ئورنىغا قويۇش››، شۇنداقلا ‹‹كىشىلەرگە كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىش›› قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەزمۇننى نۇقىتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ھەربىر پىيونېر قوش سالاھىيەت بويىچە ئاكتىپ قاتنىشىپ قولىغا لوپا ئەينەكنى ئېلىپ كىچىك ھەمراھلىرىنىڭ ياخشى ئادەتلىرىنى ئىزدەش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭمۇ ئارتۇقچىلىقىنى ئىزدەيدىغان ئوبيېكىت بولدى. پىيونېرلار بىر كىچىك ھەمراھىنى كۆزىتىپ لوپا ئەينەك بىلەن بىر ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەنلىكىنى بايقىغاندا ئۇ بىر ھۇزۇرلىنىش كارتىسى ياساپ بۇ ساۋاقدىشىغا سوۋغا قىلىپ ئۇنى مەدھىيەلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا ئەترەت ھەر ئايدا بىر قېتىم پىيونېرلار ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھۇزۇرلىنىش كارتىسى ۋە لوپا ئەينەك ئارقىلىق كىچىك ھەمراھلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تاپقان پىيونېرلار بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئالماشتۇرۇش، دوكلات قىلىش ئېلىپ بارىدى. بۇنداق چاغدا نەق مەيدان ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، پىيونېرلار بەس – بەستە قول كۆتۈرۈپ پىكرىنى بايان قىلدى، ھەر خىل ماختاش سۆزلىرى پىيونېرلارنىڭ ئۆزئارا باھالىشىدا نامايان بولدى، ماختاشقا ئېرىشكەن ھەر قانداق پىيونېر قانائەتلىنىشكە ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. پائالىيەتتە تەربىيەچىلەر مۇھىم باھالاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىيونېرلارنى ‹‹باھالاشنىڭ مەزمۇنى، باھالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، باھالاش ئەمەلىي›› بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. چىرايلىق ‹‹ھۇزۇرلىنىش مېدالى›› ئاللىبۇرۇن پىيونېرلارنىڭ شان – شەرىپىگە ئايلانغان بولۇپ مېدالغا ئېرىشىكەنلەر ئۇنى مەيدىسىگە تاقىۋالدى. بۇ پىيونېرلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەلىپى، ئۆزىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى، ئۆز – ئۆزىنى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي ئەترەت پائالىيىتىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

      يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەترەت پائالىيىتىدىكى پىيونېرلارنىڭ ‹‹ئۆزى تاللاش، ئۆزى قاتنىشش، ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىنى باھالاش››نىڭ ‹‹تۆت ئۆز›› ئەندىزىسى پىيونېرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ خۇشال تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەترەت پائالىيىتى پىيونېرلارنىڭ نەزىرىدە ئەھمىيەتلىك ھەم مەنىلىك ئىشقا ئايلىنىپ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر