باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

كۆرسەتمە تەربىيەسى مەھەللىۋى تەشكىلاتتا

      لياڭ مېي

      قىزىل گالىستۇكلۇقلار مەھەللىۋى تەشكىلاتى پىيونېرلار ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەت شەكلىنىڭ بىرى، تاشەن باشلانغۇچ مەكتىپىتىكى پىيونېرلار مۇستەقىل تەشكىللىگەن، مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەھەللىۋى تەشكىلات چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى قىزىقارلىق ۋاقىتقا ئۆزگەرتتى.

      ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتلىنىپ، مۇستەقىل مەلۇم قىلىش. مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتى ھەربىر پىيونېرغا ‹‹ئاتا – ئانامغا بىر پارچە خەت››نى تارقىتىپ، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار مەھەللىۋى تەشكىلاتى››نى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئىزاھلاپ، پىيونېرلارنىڭ مۇستەقىل مەلۇم قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، قىزىقىشىغا ئاساسەن ھەر خىل مەھەللىۋى تەشكىلاتقا قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ خەت تارقىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا – ئانىلار ۋە پىيونېرلار كىچىك مەھەللىۋى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

     مۇستەقىل گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، گۇرۇپپا باشلىقىنى سايلاش. مەھەللىۋى تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن پىيونېرلار ئۆز قەلبىدىكى كىچىك باشلىقنى مۇستەقىل سايلايدۇ ھەم پائالىيەت شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن، ‹‹بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا قاتنىشىپ، بىر قىزىقىش يېتىلدۈرۈش؛ بىر خىل بىلىم ئۆگىنىپ، بىر خىل ماھارەت يېتىلدۈرۈش؛ مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىنى ھېس قىلىش›› قاتارلىقلار.

     سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، مۇستەقىل نامايان قىلىش. قىزىل گالىستۇكلۇقلار مەھەللىۋى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەكتەپ ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، مەھەللە ئەترەت خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىش ئۈچۈن چوڭ ئەترەت ھەر پەيشەنبە كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 20 مىنۇتنى قىزىل گالىستۇكلۇقلار مەھەللىۋى تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل نومۇر كۆرسىتىش ۋاقتى قىلىپ بېكىتىپ، پىيونېرلارغا ئەركىن ماھارەت كۆرسىتىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەرگەچكە ھەپتىدە بىر يىللىقتىكى پىيونېرلار ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مۇستەقىل تەشكىلاتلار، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەر مۇنەۋۋەر مەھەللىۋى تەشكىلاتنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر