باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

‹‹ئۆچۈرگۈچ››

      باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چېغىمدا، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن تاپشۇرۇق ئىشلىگەن چېغىمىزدا ئۆچۈرگۈچ ئىشلەتمەسلىكىمىزنى تەلەپ قىلغاندىىدى ھەم بىر قېتىملىق تاپشۇرۇقتا ئۈچ جايدا خاتالىق كۆرۈلسە، تاپشۇرۇقنى قايتا ئىشلەش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغانىدى. بىزمۇ تەنقىدتىن قورقۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەيدىغان بولغانىدۇق. شۇنداق قىلىپ تاپشۇرۇقتا خاتالىق چىقىش ئەھۋالى خېلىلا ئازلاپ قالغانىدى. بىراق بىز ئۇ ئوقۇتقۇچىمىدىن نارازى بولاتتۇق، بەزى ئاتا – ئانىلارمۇ ئۇنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي: ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەتنى خاتا يېزىپ قويۇشى دائىم دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، ئۇلار نېمىشقا ئۆچۈرگۈچ ئىشلەتسە بولمايدىكەن›› دېسە، ئۇ: ‹‹ئۆچۈرگۈچ بولغانلىقى ئۈچۈنلا خەتنى خاتا يېزىۋالىدۇ، تاپشۇرۇقنى خاتا ئىشلەيدۇ›› دېگەنىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ بىزگە قويغان بۇ خىل تەلىپى تاكى بىز باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى.

      چوڭ بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا، خاتالىقنى ناھايىتى ئاسانلا يوشۇرۇپ كەتكىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ خاتالىقنى ھەقىقىي تۈزىتىش ئىنتايىن تەس بولىدىكەن.

      ھاياتلىق يولىڭىزدا، سىزمۇ ‹‹ئۆچۈرگۈچ›› ئىشلىتپ كۆنۈپ قالماڭ!

      ھېكمەت: تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى ئۆچۈرۈپ تۇرىدىغان ‹‹ئۆچۈرگۈچ›› بولۇپ قېلىپ، بىزدە تەلىيىمىزنى سىناپ بېقىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. بىز مۇشۇ ‹‹ئۆچۈرگۈچ››لىرىمىز بىلەن كىچىككىنە خاتالىقلىرىمىزنى توختىماي ئۆچۈرۈپ تۇرساق، ‹‹ئۆچۈرگۈچ›› بولغاچ، بىزدە ئادەت ۋە خاتىرجەملىك پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قېلىپ، ئاخىرى بىزنىڭ بۇ كىچىككىنە خاتالىقلىرىمىز ئۆزىمىز بىلىپ بىلمىگەن ھالدا چوڭ خاتالىقلارغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان