باش بەت | مەكتەپلەر

شېنجېن شەھەرلىك ‹‹سۇڭگاڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپى

      ‹‹سۇڭگاڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپى شېنجېن شەھىرىنىڭ باۋئەن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 110 مىڭ كىۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادىرات مېتىر. بۇ مەكتەپ شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت نۇقتىلىق مەبلەغ سالىدىغان، نۇقتىلىق قۇرىدىغان، نۇقتىلىق ئۆستۈرىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنداقلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك مەكتەپ. 2008 - يىلى بۇ مەكتەپ دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تەپتىش قىلىش - تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.

      بۇ مەكتەپ 2000 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى، مەركەزنىڭ ئوقۇتۇش تەلىپىگە ئاساسەن، مەكتەپ ئىشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتىن باشلاپ، ئوقۇش - ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ ياخشى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسى شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك، مۇتەخەسسىس ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. مەكتەپ ئۇدا ئالتە يىل شېنجېن شەھىرى بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن، ئۇدا يەتتە يىل باۋئەن رايونى بويىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالاندى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان