باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئالىملار ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز باتارىيەنى كەشپ قىلدى

      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئاۋستىرالىيە ۋە ياپونىيە ئالىملىرى ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنى كەشپ قىلغان، بۇ باتارىيە ئىنتايىن ئەۋرىشىم بولۇپ، بىر تال چاچقىمۇ ئورىغىلى بولىدىكەن.

      بۇ ئالاھىدە نېپىز قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە يۇپقا پلاستىمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر قۇتۇپلىرىدىن تۈزۈلگەن، قېلىنلىقى 1.9 مىكرومېتىر بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ نېپىز قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق ئالاھىدە نېپىز، يىنىك، ئەۋرىشىم قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى ياكى ئېلېكتىرونلۇق توقۇلما بۇيۇملارغا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

      توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سېكىتانى مۇنداق دېدى: بۇ باتارىيە ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز بولغاچقا، سىز ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالمايسىز، بىراق ئىلاستىكىلىقى ئىنتايىن ياخشى. بۇنى كىيىمگە ئىزنەك قىلىپ ئېسىۋالسىمۇ، ئوخشاشلا قۇياش ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرەلەيدۇ. بەدەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈدىغان سەزگۈر دېتالنى ئېسىۋالىدىغان ياشانغانلار، باتارىيە ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدۇ.

     

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان