باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق 2 – نۆۋەتلىك ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى ئۆسمۈر›› نامزاتلىرىنىڭ قىسقىچە ئىش –پائالىيەتلىرى

      ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن

      مىرئادىل ئادىل، 14 ياش، ئاۋات ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      مىرئادىل 2011 – يىلى قىشلىق تەتىلدە ساۋاقدىشى گو جىڭيانىڭ كېسەل بولۇپ قالغانىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ باردى ھەم ئۇنىڭ دەرسلەرنى تەكرارلىشىغا ياردەملەشتى. مىرئادىل سىنىپتا ساۋاقدىشى خې رېنجيېنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم بەردى. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، خې رېنجيېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلىدى.

      مىرئادىل ناھىيە بويىچە ئېغىزچە ‹‹قوش تىل›› مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئېغىزچە قوش تىل مۇسابىقىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەكرار مۇسابىقىسى››دە 2 – لىككە ئېرىشتى.

      فىلورە توختى، 12 ياش، باي ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      فىلورە سىنىپ ھەيئىتى بولۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپ باشقۇرۇشىغا ياردەملەشتى، ساۋاقدىشى لى جياجيانىڭ ئاتا – ئانىسى ئالدىراش بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆگىنىشىدىن خەۋەر ئالالمايتتى. شۇڭا، ئۇ دائىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيتتى. فىلورەنىڭ ياردىمىدە لى جياجيانىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

      فىلورە ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭخۇانى سۆيىمەن. ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئېغىزچە قوش تىل مۇسابىقىسى»دە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە «قوش تىللىق بالا›› دېگەن شەرەپكە، مەكتەپنىڭ ‹‹يۇرتۇمنى سۆيىمەن›› دېگەن تېمىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

      دۇ شياۋۋەن، ئون ياش، كەلپىن ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      دۇ شياۋۋەن ساۋاقدىشى گۈليارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە قىزغىن ياردەملەشتى. ئۇنىڭ ياردىمىدە گۈليارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۈندىن كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا سىنىپىدىكى ساۋاقداشلار ئۆز ئارا ياردەم بېرىشتە ‹‹قوشماق›› بولۇپ تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى.

      دۇ شياۋۋەن مەكتەپ بويىچە ئون ‹‹مۇنەۋۋەرئۆسمۈر››نىڭ بىرى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر كادىرى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      سامساق قۇربان، 14 ياش. ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      سامساق قۇربان بىلەن جۇ لىگاڭ بىر كەنتتە بولسىمۇ ئىككى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ياخشى دوستلار. جۇ لىگاڭنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايتتى. شۇڭا، سامساق جۇ لىگاڭنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. سامساق قۇرباننىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە جۇ لىگاڭنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

سامساق قۇربان توخۇلا يېزىسى بويىچە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى››، مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

      ما ۋېنخاۋ سەككىز ياش. تۇقسۇ ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      ما ۋېنخاۋ مەكتەپتە يولغا قويۇلغان ‹‹بىرگە ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىدە باشقىلارغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلدى. قىيىنچىلىققا يولۇققان ساۋاقداشلىرىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى. ما ۋېنخاۋنىڭ ياردىمىدە بەختىيارنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ما ۋېنخاۋ بىلەن بەختىيار بىرلىكتە دەرس تەكرارلاش جەريانىدا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

      ما ۋېنخاۋ مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.

      قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن

       مەدىنە قۇربان 13 ياش، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى 5 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      مەدىنە قۇربان كوللېكتىپنى قىزغىن سۆيىدۇ، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ قابىل ياردەمچىسى ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلدى.

      مەدىنە قىرغىز ساۋاقدىشى خۇرسەننىڭ ئۆگىنىشتە يېتىشەلمەيۋاتقالىقىنى كۆرۈپ 2 – يىللىقتىن باشلاپ، خۇرسەنگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى. ئۇ يەنە ساۋاقداشلىرىنى خۇرسەنگە ئۆگىنىش ماتېرىيالى ھەدىيە قىلىشقا چاقىردى. مەدىنەنىڭ ياردىمىدە خۇرسەننىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مەدىنە كۆپ قېتىم ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولدى.

      رېن خەييەن 16 ياش. ئۇلۇغچات ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 9 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى.

      2011 – يىلى 9 – ئايدا رېن خەييەننىڭ ساۋاقدىشى دۇڭ شىڭ تەنتەربىيە دەرسىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتىنى سۇندۇرۋېلىپ سىنىپقا چىقىپ – چۈشۈشتە قىينىلىپ قالغانىدى. رېن خەييەن ئۇنى يۈدۈپ سىنىپقا ئېلىپ چىقتى. رىن خەييەننىڭ يېتەكچىلىكىدە باشقا ساۋاقداشلارمۇ دۇڭ شىڭغا ياردەم بەردى.

     رېن خەييەن مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى›› ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى بولدى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر