باش بەت | پىسخىكا

ناچار پىسخىكا ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قانچە خىل ئائىلە مۇھىتى

      خۇشاللىق ئىزدىمەيدىغان ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىدە خۇشال كەيپىيات ئاز، چۈشكۈنلۈك قاپلىغان، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل بولىدۇ. يېڭى شەيئىلەرگە ھەمدە خۇشال كەيپىيات ئېلىپ كېلىدىغان پائالىيەتلەرگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ.

      تەنقىدلەش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىدە دائىم ئائىلە ئەزالىرى بىر – بىرىنى تەنقىدلەيدۇ ۋە ئورۇنسىز بىر – بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. بەزىلەر بىر – بىرىگە ئاسانلىقچە يول قويمايدۇ. گەپ قىلماي تۇرۇۋالىدۇ.

      بىزارلىق تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلار بىر – بىرىدىن بىزار بولغان، ئۇلارنىڭ بىرگە تۇرۇشى ‹‹بالىغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن››لا بولۇپ، بەئەينى تۇزسىز تاماق يېگەندەكلا بولىدۇ.

      شەخسىيەتچىلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىر – بىرىگە يول قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ھېسداشلىق، كۆيۈنۈش كەمچىل بولىدۇ.

      خاپىخانلىق تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىلەردە ئائىلە ئەزالىرى دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ، تۇرمۇشتا ئالغا ئىنتىلمەيدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق.

      زىيادە ئەنسىزلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىدە چوڭلار بالىلاردىن زىيادە ئەنسىرەپلا يۈرىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالىشىغا ئىشەنمەيدۇ.

      بالىدا ساغلام پىسخىكا ھالەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل ئائىلە مۇھىتى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خۇشاللىققا تولغان ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۈش، ئۆز ئارا يول قويۇشى، ناچار ئائىلە مۇھىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ ياخشىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلىگىلى، ئىناق ئائىلە قۇرغىلى، ياخشى پىسخىكا كەيپىياتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان