باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

قىيمىلىق قاتلىمىنى ئائىلىدە تەييارلاش

      ئادەتتە قاتلىما ئائىلىدە كۆپرەك تەييارلىنىدىغان يېيىشلىك نانلارنىڭ بىر تۈرى، قاتلىما قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك بولۇپ، ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە سۇيۇق تاماقلارغا يانداش قىلىپ تەييارلانسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

      تەييارلاش ئۇسۇلى: قاتلىما ئۈچۈن يۇمشاق پىتىر خېمىر تەييارلايمىز، تۇز بال قوشۇقتا بىر قوشۇق بولسا بولدى، بەك تېتىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. خېمىر تەييار بولغاندىن كېيىن، گۆش، پىياز، يۇمغاقسۈتلەر بىلەن قېيما تەييارلاپ قارىمۇچ، زېرە، تۇزلار بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز. خېمىرنى نىپىز يېيىپ ئاۋۋال بىر قۇر مايلاپ چىقىمىز، ماي ئەڭ ياخشىسى ئەبجەش ماي ياكى چۈچۈتىلگەن سۇماي بولسا ياخشى، چۈنكى قوينىڭ ئىچ مىيى ياكى ئېرىتىلگەن قۇيرۇق يېغى سالامەتلىككە زىيانلىق.

      خېمىرنى مايلىۋالغاندىن كېيىن، تەييارلاپ قويغان قېيمىنى تەكشى يېيىتىمىز، ئاندىن خېمىرنى يۆگەپ نوغۇچ شەكلىگە كەلتۈرۈپ خېمىرنى ئالقىنىمىزدا تولغاپ يىغىپ زۇۋۇلا قىلىمىز، تاۋغا نان چۆككىدەك ماي قۇيۇپ ماي قىزىغاندىن كېيىن، زۇۋۇلىنى كىچىك نوغۇچتا نان شەكلىگە كىرگۈزۈپ، مايدا پىشۇرىمىز.

      ناۋادا خالىسىڭىز، سۇيۇقراق ئۈگرە، خولۇپ ئاش بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ ياكى بىرەر تەخسە مەززىلىك قورما تەييارلاپ ھوزۇرلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: خەۋەر تورى تەھرىر: ئاينۇر