باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكى

      ئالىملار يېقىندا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتىن مۇنداق يەكۈن چىقتى: ئادەمنىڭ ئىككى بۇرۇن تۆشۈكى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل پۇراققا دۇچ كەلگەندە چوڭ مېڭىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن ئىككىگە بۆلۈنۈپ تەڭلا خىزمەتكە چۈشىدىكەن، چوڭ مېڭە بولسا بۇ ئىككى خىل پۇراقنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كەلگەن ئۇچۇرىنى تەڭ بىر تەرەپ قىلىپ ئادەمگە ئىككى خىل پۇراقنى تەڭلا ھېس قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن. ئادەم بىر خىل پۇراقنى ھېس قىلىپ ئارقىدىنلا يەنە بىر خىل پۇراقنى ھېس قىلغاندا بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكى رىقابەتكە چۈشكەن بولىدىكەن.

      بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكى ئارىسىدا ‹‹پۇراق سېزىمىنى ھېس قىلىش رىقابىتى››نىڭ پەيدا بولۇشى ئۇلارنىڭمۇ بەدەندىكى باشقا سەزگۈچى ئەزالارغا ئوخشايدىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. مەسىلەن، كۆز ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەنزىرىگە دۇچ كەلگەندە( بىر كۆز بىر خىل مەنزىرىنى، يەنە بىر كۆز يەنە بىر خىل مەنزىرىنى كۆرىدۇ) ئىككى كۆز ئارىسىدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ خىزمەت قىلىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل مەنزىرىنى كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر