باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

بالىڭىز يۆتەلگەندە ئۆرۈك مېغىزى ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل سۈيى ئىچۈرۈڭ

      ئۆرۈك مېغىزىنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل، ياغ، يېمەكلىك تالاسى ھەمدە ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار، ئۆرۈك مېغىزىنىڭ يەنە بەلغەم يوقىتىپ يۆتەل توختىتىش، نەپىسى سىقىلىشنى پەسەيتىپ، ياللۇغ قايتۇرۇش رولىمۇ بار. بالىڭىز يۆتىلىپ بىئارامسىزلانغاندا ئالدىراپ ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىچكۈزمەي، بالىڭىزغا ئۆرۈك مېغىزى چېيى دەملەپ بېرىڭ. ھەر قېتىمدا ئازراق قايناق سۇغا ئۈچ، بەش تال ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرسىڭىز مەنپەئەت قىلىدۇ.

 

مەنبە: بەغتاش تورى تەھرىر: مەۋلان