باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر

      قايچا گاللىشىپ كەتسە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر پارچە قۇم قەغەزنى  20– 30 قېتىم كېسىۋەتسىڭىز قايچا ئىتتىكلىشىدۇ.

      گاللىشىپ كەتكەن قىڭغىراق، پىچاقلارنى يېرىم سائەت تۈز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ، ئاندىن بىلەيگە تۈز سۈيى تېمىتىپ تۇرۇپ بىلسە، قىڭغىراق، پىچاقلار ئىتتىكلەيدۇ.

      گاللىشىپ كەتكەن تىرناق ئالغۇچنىڭ بىسىنى ئۇشتۇلغان ھەرە تىغىنىڭ كەسمە قىرى بىلەن 20 – 30 قېتىم قىرقىۋەتسە، تىرناق ئالغۇچ ئىتتىكلەيدۇ.

      سوغۇق كۈنلەردە بولدۇرماقچى بولغان خېمىرغا بىر ئاز شېكەر قوشۇۋېتىپ يۇغۇرسا، خېمىر تېز بولىدۇ، ئەتكەن تاماقمۇ تەملىك ھەم يېيىشلىك بولىدۇ.

      تېز ئۇخلىيالمىغانلار كەچتە 5 – 10 تال قاپاق چىلان يەپ ياتسا، تېز ئۇخلاپلا قالماستىن، بەلكى ناھايتى شېرىن ئۇخلايدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان