باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئۆچۈرۈۋەتسىلا سۈزۈك بولىدىغان تېلېۋىزور

     

      گېرمانىيەدىكى سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى بىر يۈرۈش يېڭى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلات پۈتۈنلەي سۈزۈك ئىكەن. بۇ تېلېۋىزورنىڭ يۈزى سۈزۈك ئەينەكلىك بولۇپ، سىز تېلېۋىزورنىڭ كۆرۈش ئەينىكىنى ئېلىۋەتكەندە ئېكراندىكى تەسۋىر يوقاپ كېتىدىكەن. بۇ تېلېۋىزورنىڭ لايىھەلىگۈچىسى مايكىل فىروبى مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ بىزنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتىمىز بولۇپ، بۇنىڭدا تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلغان. بۇنىڭدا ئەنئەنىۋى كىرىستال ئېكرانلىق تېخنىكا بىلەن سۈزۈك ئېكرانلىق تېخنىكا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، غەيرىي سۈزۈك تەسۋىر تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، رەڭنىڭ سېلىشتۇرما دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى››.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان