باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر ۋىرۇسى بولىدۇ

      تۇرمۇشتا، كىشىلەر دائىم باكتېرىيە، ۋىرۇسلانىڭ تارقىلشى بىلەن كېسەل بولىدۇ. كومپيۇتېرمۇ يۇقۇملىنىش ئارقىلىق كېسەل بولۇپ قالىدۇ.

      كومپيۇتېر ۋىرۇسى بىلەن ئادەم تېنىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىغان ۋىرۇس ئوخشاشمايدۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئالاھىدە پروگراممىدۇر. بۇ خىل پرۇگرامما ئىجرا بولغاندا، كومپيۇتېر سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ ياكى كومپيۇتېردا ساقلىنىۋاتقان سىستېمىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، غايەت زور ئىقتىسادىي زىيان قىلىدۇ.

      كومپيۇتېر ۋىرۇسى كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر ھۆججەتتىن باشقا بىر ھۆججەتكە تارقىلىدۇ ياكى ھۆججەت بىلەن بىللە بىر كومپيۇتېردىن باشقا بىر كومپيۇتېرغا يۇقىدۇ، ھەتتا، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن كومپيۇتېرغا تارقىلىپ، ئۇلارنى ‹‹ۋىرۇس›› بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇنداق ۋىرۇس پروگراممىلار كومپيۇتېرغا تارقالغاندىن كېيىن، دائىم بىر مەزگىل يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ، مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندىلا ئاندىن ئۆز رولىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئالاھىدە پروگراممىلار ئادەم تېنىدىكى ۋىرۇسلارغا ئوخشاشلا ‹‹يۇقالايدۇ›› ۋە ‹‹يوشۇرۇنالايدۇ››، شۇڭا، كىشىلەر ئۇلارنى ئوبرازلىق قىلىپ ‹‹ۋىرۇس›› دەپ ئاتىغان.

      كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا، ئاز دېگەندىمۇ ئون مىڭ خىل كومپيۇتېر ۋىرۇسى بايقالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل يېڭى كومپيۇتېر ۋىرۇسلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان