باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ماھارىتى

      1 - باشلاش

      باشلاش دېگىنىمىز ماقالىنىڭ بىرىنچى جۈملە ياكى بىرىنچى ئابزاسنى كۆرسىتىدۇ.

      بىز ساۋاقداشلارنى يېزىش مەشىقلىرىگە ئۇيۇشتۇرغىنىمىزدا بەزى ساۋاقداشلارنىڭ بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە  بىر قۇرمۇ يازماستىن ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتا بەزىلەر يېرىم سائەتنىمۇ شۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئۇلاردىن نېمىشقا يازماي ئولتۇرغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ‹‹باشلىيالمايۋاتىمەن›› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مانا بۇ باشلاشنىڭ ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

      ئادەتتە باشلاش ئۇسۇلى خىلمۇخىل ۋە رەڭگارەڭ، باشلاش بىلەن تونۇشۇش ئۇسۇلى ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ماقالىلىرىنى ياخشى باشلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە  ئىگە. شۇڭا، بىز ساۋاقداشلارنىڭ قوللىنىشىغا باب كېلىدىغان باشلاش ئۇسۇللىرىدىن بىرقانچىنى تونۇشتۇرىمىز.

      1. نەق گەپنىڭ ئۆزىدىنلا باشلاش

      بۇ يەردىكى ‹‹نەق گەپ›› ماقالىنىڭ مەركىزىي مەزمۇنى (باش تېما)نى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا باشلىنىش بىلەن تەڭلا باش تېما تىلغا ئېلىنىدۇ. ماقالىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇشۇ باش تېمىنى ئىسپاتلاش، يورۇتۇپ بېرىش ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن، مۇكەررەم ئابابەكرىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىگە بېسىلغان ‹‹كۆچۈرمىكەشلىكتىن ساقلىنايلى›› دېگەن مەشىق ماقالىسى مۇشۇ ئۇسۇلدا باشلانغان:

      باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمىزدا، بەزىلىرىمىز ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا تاپشۇرۇقلارنى باشقىلاردىن كۆچۈرۈۋېلىش، ئىمتىھاندىمۇ ئانچە - مۇنچە ساختىلىق قىلىپ قويۇشتەك بولمىغۇر ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويىمىز. بۇنداق يول ئارقىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنى ‹‹ياخشى›› نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگىنىمىز بىلەن ئاقىۋەتتە بىزگە بەرىبىر بىلىم يۇقمايدۇ. بۇنىڭ زىيىنىنى چوڭ بولغاندا تارتىدىغان گەپ.

       بۇ ئۇسۇل باشلىنىش بىلەن تەڭلا باش تېما بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا، ئۇنى قوللانغاندا باش تېمىدىن چەتنەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ماقالىنى ئىخچام ھەم مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئىگە قىلغىلى شۇنداقلا ئاساسلىق نۇقتىنى ئاز، ئۇششاق گەپلەرنى كۆپ يېزىپ، گەپ ئايلاندۇرۇپ يۈرۈشتەك ئەھۋاللانىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      2. ماقالىدە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغان شەخسنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە بەزىبىر ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن باشلاش

      شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان ماقالىلەردە ئادەتتە تاشقى قىياپەتنى يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. شۇڭا، تاشقى قىياپەتنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاش ئۇسۇلى بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتگە ئىگە. مەسىلەن، ئانارگۈل نىيازنىڭ ‹‹مېنىڭ ساۋاقدىشىم رەناگۈل›› ناملىق ماقالىسى مۇشۇ ئۇسۇلدا باشلانغان:

      رەناگۈل بۇغداي ئۆڭ، قوي كۆزلۈك، ئىككى مەڭزى قىپقىزىل، خۇشخۇي، تىرىشچان قىز. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالتە يىللىق ساۋاقداش.

      مانا بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇن تەلىپىگە تامامەن ماسلاشقان ياخشى يېزىلغان باشلانمىلارنىڭ بىرى. چۈنكى بۇ باشلانمىدا ماقالىدە تونۇشتۇرۇلىدىغان ئاساسلىق شەخسنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكى، پىسخىك خاراكتېرى ھەمدە ئۇنىڭ ‹‹ مەن›› بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق تاپشۇرۇلغان بولۇپ، كېيىنكى تونۇشتۇرۇش ۋە بايانلار ئۈچۈن پۇختا ئۇل سېلىنغان. ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان بۇ خىل باشلانمىلاردا ماقالىلەردە يېزىلىدىغان ئوبيېكتنىڭ بىر پۈتۈن جانلىق قىياپىتى كىتابخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئالدىن نامايان قىلىپ بېرىلىدۇ .

     3. مۇھىت، شارائىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلاش

      بەزى ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى بەزىبىر مۇھىت، شارائىتلار بىلەن باغلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ماقالىلەردە ئىش - ھەرىكەتلەرنى يېزىش بىلەن بىرگە مۇھىت، شارائىتلارنىمۇ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ‹‹پېداكار ئۆسمۈر ـ زىياۋدۇن›› ناملىق ماقالە مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن باشلانغان:

      1996 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شەنبە بۇ كۈنى دۆربىلجىن ناھىيە بازىرىدا ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ئىللىق باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى. قار - مۇزلار يېڭىدىن ئېرىگەن ئاسفالىت يولدا ئۇلاغ ھارۋا ۋە يولۇچىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ھەممە يەر باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.

      مانا بۇ باشلانمىدا ماقالىدىكى ئىش - ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولغان ئورنى، ۋاقتى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىت ناھايىتى ئېنىق تاپشۇرۇلغان.

      4. ئەسلىمە خاراكتېرىدە باشلاش

      بەزى ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ئەسلىمىلەر ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە ياكى ئەسلىمىلەر بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ئەسلىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ خىل ماقالىلەر ئادەتتە ئەسلىمە شەكلىدە باشلىنىدۇ.

      مەسىلەن، مۇنىرە نىجاتنىڭ ‹‹قەلبى گۈزەل قەلبىنۇر›› ناملىق ماقالىسى ئەسلىمە شەكىلدە مۇنداق باشلانغان:

      مەن مېيىپ ساۋاقداش قەلبىنۇردىن ئۆگىنىش توغرىسىدىكى چاقىرىق دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ بىرقاتار تەسىرلىك ئىشلىرى كۆز ئالدىمدىن خۇددى ئېكراندىكى كۆرۈنۈشلەردەك بىر - بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.

      بۇ خىل باشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلىپ يېزىش ئۈچۈن ئوبدان پۇرسەت ھازىرلىغىلى، ھازىرقى ئىش - ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتكەنكى ئەسلىمىلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      يۇقىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدىغان بىرقانچە خىل باشلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق. ئەمەلىيەتتە باشلاش ئۇسۇللىرى بىرقانچە تۈر بىلەنلار چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، باشلاشنىڭ بىرەر مۇقىم قېلىپ ياكى فورمۇلىسى بولمىغاچقا، ئۇ ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىچە شەكىللەرنى ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىز ماقالىمىزنى قانداق ئۇسلۇب بىلەن باشلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر باشلانمىنىڭ ماقالىنىڭ ئورگانىك بىر قىسمىغا ئايلىنىشىغا، مەزمۇن بىلەن چەمبەچاس باغلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. قىسقىسى، باشلاش ماقالىنىڭ تەلەپ - ئېھتىياجىغا ماسلىشىشى كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي