باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

مۇئەللىم شۇنداق بولىدۇ

(ھېكايە)

رەشىدە سېيىت

      يېڭى دەپتەرلەر بىلەن لىق تولغان سومكامنى ئېلىپ مەكتەپكە ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن. بۈگۈن دەرس باشلىنىدىغان تۇنجى كۈن. سىنىپقا كىرسەم ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن دەپتەر، يېڭى ئۇچلانغان قېرىنداشلىرىمنى ئېلىپ تەييارلاندىم. ‹‹ئاپئاق دەپتەرلىرىمگە نېمە يازارمەن؟›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ۋاقىت مەن بىلەن قېرىشقاندەك ناھايىتى ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. كۆرگەن كارتون فىلىملىرى توغرۇلۇق بەس – بەس بىلەن سۆزلەيتتى، بەزىلىرى شۇ فىلىملەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى دورايتتى، بەزىلىرى مۇئەللىمنىڭ بالدۇرراق كىرىشىگە تەقەززا بولۇپ تۇرۇشاتتى. قوڭغۇراق چېلىندى. ھايال ئۆتمەي ياش بىر ئايال ئوقۇتقۇچى كىردى. ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردۇق. مۇئەللىم تەبەسسۇم بىلەن بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇنىڭ تەبىئىي چىرايىغا، رەتلىك، پاكىز، سالاپەتلىك كىيىنىشىگە قاراپ ھەيران بولدۇم. چۈنكى، بىزنىڭ بىر مۇئەللىم ئايال قوشنىمىز بولۇپ ئاجايىپ غەيرىي كىيىنەتتى. ئۇنىڭ كولدۇرمىلىرى بار پوفايكىسى، پاشنىسى بىر غېرىچ كېلىدىغان قىزىل توپلىيى بار ئىدى. بېلىگە ئالاھىدە بەلباغلارنى تاقايتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ بەلبېغىدىكى قورقۇنچلۇق يولۋاسنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ ئاپامغا:

      — ئاپا، مۇئەللىم قوشنىمىزنىڭ بەلبېغىدا يولۋاس بار ئىكەن، يولۋاس،— دېدىم. ئاپام قولۇمدىن سۆرىگىنىچە مېنى ئۆيگە ئەكىرىپ:

      — ھە، مۇئەللىم دېگەن شۇنداق بولىدۇ... — دەپ ۋارقىراپلا كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇئەللىم قوشنىمىز كەلسىلا ئويناۋاتقان ئويۇنچۇقلىرىمنى تاشلاپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى ئۇ سەھەردىلا ئىشىكتىن چىقتى. ئۇنىڭ لېۋى قىپقىزىل، قاپاقلىرى رەڭگارەڭ ئىدى. ئۇنىڭ سەت تۇرقىنى كۆرۈپ ئاپامغا:

      — مۇئەللىم قوشنىمىزنى كۆردۈڭمۇ؟ قاپاقلىرىغا قارا، سۇن ۋۇكۇڭغا ئوخشاپ قاپتۇ، — دېدىم. ئاپام بېشىمغا پاققىدە بىرنى سالدى.

      — ھۇي بەڭۋاش، مۇئەللىم دېگەن شۇنداق بولىدۇ، ئىشىڭنى قىل!

      شۇ تاياقتىن كېيىن مۇئەللىم قوشنىمىزغا دىققەت قىلمايدىغان بولدۇم. بىراق، ئۆيىمىز بىر قورۇدا بولغاندىكىن كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق – دە! شۇنچە دىققەت قىلساممۇ ئۇنىڭ بىرەر چىرايلىق يېرىنى تاپالمايتتىم.

      بىر كۈنى مۇئەللىم قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە قاتتىق جېدەل چىقىپ كەتتى. ئاپام ئۆيدە بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ پەنجىرىسى ئالدىغا كېلىپ قۇلاق سالدىم.

      — ئالىمەن دېدىممۇ ئالىمەن، قانداق قىلاتتىڭىز، ئۆزۈمنىڭ پۇلىغا ئالساممۇ بولمامدىكەن؟

      ئايال قوشنىمىز يولدىشى بىلەن قانداقتۇر بىر ئالتۇن زەنجىرنىڭ جېدىلىنى قىلىۋاتاتتى. ئۇلار بارغانسېرى قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتى. جېدەلنىڭ ئاخىرىغا قىزىقساممۇ ئاپام كېلىپ قالسا شاپىلاق يېيىشتىن قورقۇپ دەرھال نېرى كەتتىم. بىراق، بۇنى ئاپامدىن چوقۇم سورايمەن. ئاپام يەنە: ‹‹ھە، مۇئەللىم دېگەن شۇنداق بولىدۇ›› دەپ جاۋاب بېرەرمۇ؟ ئىككى كۈندىن كېيىن مۇئەللىم قوشنىمىز بوغچىسىنى ئېلىپ يامانلاپ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن قىزى دادىسىنىڭ بوينىغا مەھكەم ئېسىلىپ يىغلىغان پېتى قالدى.

      — ساۋاقداشلار، دىققەت قىلىڭلار! مۇئەللىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن خىيالدىن ئويغاندىم. دوسكىغا بىرقانچە ھەرپلەر رەتلىك يېزىلغان بولۇپ مۇئەللىمگە ئەگىشىپ ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدۇق. مۇئەللىم ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ كۆزلىرى كۈلۈپ تۇراتتى. ئاۋازىمۇ ناھايىتى يېقىملىق ئىدى. ئىشقىلىپ بۇ مۇئەللىمنى تۇنجى كۆرۈشۈمدىلا ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ مۇئەللىم ھېلىقى مۇئەللىم قوشنىمىز بىلەن يۈرۈش – تۇرۇش، كىيىم – كېچەكتە ئاسمان – زېمىن سېلىشتۇرما ئىدى. تۇنجى دەرس شۇنداق ئاخىرلاشتى. دادامنىڭ ئاخشام قولۇمنى تۇتۇپ: ‹‹ئوغلۇم، ئەتە مەكتەپكە بارىسەن. ياخشى ئوقۇغىن، سىنىپنىڭ مال – مۈلكىنى ئاسرا، ساۋاقداشلىرىڭغا قوپال چاقچاق قىلىپ ئۇلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويما!›› دېگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتتى. مەن بۈگۈنكى مۇئەللىمىمنى ئەسلىدىم. ئۇنىڭ تەبىئىي، يېقىملىق ئوبرازى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ‹‹چوقۇم دادامنىڭ دېگىنىدەك قىلىمەن، شۇنداق قىلسام مۇئەللىمنىمۇ خۇش قىلالايمەن›› دەپ ئويلىدىم.

      ئۆيگە كەلسەم دادام، ئاپاملار مېنى ساقلاپ تۇرۇشقان ئىكەن. ئۇلار تۇنجى دەرستە يازغان خەتلىرىمنى كۆرۈشكە ئالدىراپ دەپتەرلىرىمنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆرۈشتى. ئاپامغا بۈگۈن دەرسكە كىرگەن مۇئەللىم ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم.

      — بىز سېنى مۇئەللىملەرنى باھالاشقا ئەۋەتمىگەن. ئۇلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا ئەۋەتكەن. تولا گەپ قىلما، مۇئەللىم دېگەن شۇنداق بولىدۇ، — دېدى ئاپام.

      ئويلاپ قالدىم. ئاپام مېنىڭ ھازىر بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلمەمدىغاندۇ؟ بىلسىمۇ بەرىبىر 1 – سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ. سىلەر دەپ بېقىڭلار، مۇئەللىم دېگەن ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئاددىي – ساددا، پەزىلەتلىك مۇئەللىملەر بىزنىڭ ھەقىقىي ئۇستازىمىز.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي