بىر يىگىت ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر، جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئاتىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىزلىقتىكى تاۋۇزلارنى ئۈزۈشۈپ بېرىۋاتقاندا، ئاتىسى ئۇنىڭدىن:
– ئوغلۇم، نېمىشقا مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە بولىدۇ، بۇنى بىلەمسەن؟ دەپ سوراپتۇ.
– چۈنكى مېۋە ئۆسۈش جەريانىدا، يورۇقلۇققا بەكمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مېۋە يەر يۈزىدە ئۆسكەندىلا ئاندىن يورۇقلۇقنى تولۇق سۈمۈرەلەيدۇ، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
– ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەزى مېۋىلەر يەرنىڭ ئاستىدا ئۆسۈپ، كۈن بويى يورۇقلۇق كۆرمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا مېۋە بېرەلەيدۇ؟ مەسىلەن: يەر ياڭىقى، تاتلىقياڭيۇ.... قاتارلىقلار.
– بۇ ... بۇ ... – يىگىت ئاتىسىنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمەپتۇ.
ئاتىسى ئوغلىغا:
– مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنداق تەلەيلىك ئەمەس، ھەممىسىنىڭلا پۈتۈنلەي يورۇقلۇقتا ئۆسۈپ يېتىلەلىشى ناتايىن. بەزى مېۋىلەر ئۆمۈر بويى قاراڭغۇلۇقتا ئۆسسىمۇ، ئەمما ئۇلار شۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇنبەت تۇپرىقى دەپ بىلىدۇ، – دەپتۇ.