باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

بەخت قەيەردە

      ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى ھەرقانداق بىر بالىغا تەۋە بايرام، ھەرقانداق بالا خۇشال بولىدىغان كۈن.

      بەخت قەيەردە؟

      بەخت بالىلارنىڭ شادىمان چىرايىدا. ھەر يىلى ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدا باغچىغا بېرىش، بايراق چىقرىش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ‹‹ئەترەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ بالىلار بايرىمى››نى ئۆتكۈزۈش يىللاردىن بۇيان پىيونېرلارنىڭ ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان ئاساسلىق ئۇسۇلىغا ئايلانغان بۇلۇپ، ئەترەت تەشكىلاتى رەڭلىك موي قەلەم بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد بالىلارنىڭ بەختلىك بالىلىق دەۋرىنى سىزىپ بەردى.

      بەخت قەيەردە؟

      بەخت پىيونېرلارنىڭ پائالىيىتىدە. بايرامدا پىيونېرلار ۋەتىنىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى، خەلقنىڭ قانداق قىلىپ بېيىش يولىغا ماڭغان ‹‹بەختلىك ھېكايىسى››نى ئىزدەيدۇ؛ ‹‹ئىككى يىغىن››دا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق تىرىشقانلىقى، قانداق قىلغاندا غۇرۇرلۇق بولغانلىقىنى كۆرىدۇ؛ ‹‹كىچىك كۆرگەزمە›› ئارقىلىق جۇڭگودىكى ئۆزگىرىش ۋە دۆلەتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىدۇ؛ يۇرتىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئەتراپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىشلارنى ئىزدەپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئاغزىدىكى بەختنى چۈشىنىدۇ، بارلىق ئۆزگىرىش ۋە بەختنىڭ باشلىنىشىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

      ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى بالىلارنىڭ بايرىمى، بىز بالىلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خۇشال بايرام كەيپىياتىدا بالىلارنىڭ روھىنى تاۋلاپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ بارلىق پىيونېرلارنى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا، تېمىلىق پائالىيەتنى پىلانلاشقا، پىروگراممىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئورۇنلاشنى تەشۋىق قىلىشقا سەۋەرۋەر قىلىپ، ئۆسمۈر – بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پىيونېرلارنى خۇشال ھەم ئەھمىيەتلىك بايرام ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەش كېرەك.

      بەخت دېگەن نېمە؟ ئەمەلىيەتتە بەخت ئىنتايىن ئاددىي، مىننەتدارلىق بەخت، كەڭ قورساقلىق بەخت، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بەخت، باشقىلارنى مەدھىيەلەش بەخت، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش بەخت.

      بەخت قەيەردە؟

      بەخت بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا. ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ساندا بىز ‹‹1 – ئىيۇن بەخت›› مەخسۇس سىتونىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ چىقتۇق، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە نىڭبو شەھىرى چىڭجۇ رايونلۇق دۇڭنەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ‹‹بالىلار خۇشاللىق تەكسە باھا بازىرى››غا بېرىپ مال سېتىۋېلىش سەپىرىنى باشلايمىز؛ چۇڭچىڭ چەت ئەل تىلى مەكتىپىدىكى ئورمان باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلار ياسىغان ‹‹مېھىر – مۇھەببەت پونكىتى››غا چىقىپ، بەختلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىمىز؛ توڭلياڭ ناھىيەسى شۈيكۇ بازىرىدىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار بىلەن ‹‹بەخت دەرىخى››نى تىكىپ بەخت مېۋىسىگە ئېرىشىمىز؛ ‹‹مەن بەخت بىلەن قول تۇتۇشىمەن›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ پىيونېرلانى بەختنى ئىزدەشكە، بەختتىن ھۇزۇرلىنىشقا، بەختنى قەدىرلەشكە يېتەكلەيمىز.

      تەييارلىنىپ بولدۇڭلارمۇ؟ بىز خۇشالىق ۋە بەختنى تاپايلى!

      جاۋابكار مۇھەررىر ئەكبەر ئابلەت               

      قىستۇرما سۈرەتنى ئەخمەتجان ھوشۇر تارتقان.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر