باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

قىزىل گالسىتۇك پارتىيە بايرىقى بىلەن تەڭ لەپىلدەيدۇ

      2012 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيى تەنتەنىلىك ئېچىلىدۇ، بۇ مەملىكىتىمىزدىكى كاتتا ئىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرەپلىك تارىخى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ تارىخىنى چۈشىنىۋىلىشىغا، پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، پارتىيەگە يېقىنلىشىدىغان ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، توغرا غايە، ئېتىقاد ۋە سوتسىيالىستىك كىشىلىك قارىشى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى تىكلەپ، شەخسىي غايىسىنى دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىز ئالاھىدە ‹‹قىزىل گالىستۇك پارتىيە بايرىقى بىلەن تەڭ لەپىلدەيدۇ›› تېمىسىدىكى ‹‹پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىنى خۇشال – خۇرام كۈتۈۋالايلى›› پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۈق.

      بىرىنچى ماقالە: پارتىيە بايرىقى قەلبىمدە لەپىلدەيدۇ

      قىزىل ئاۋازنى ئاڭلاش: ھەرقايسى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ خەۋىرىنى دەل ۋاقتىدا ئاڭلاش ۋە كۆرۈش.

 

      قىزىل تارىخنى ئەسلەش: كىتاب، تور ئارقىلىق پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئىنقىلابىي شەخسلەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى قايتا ئەسلەش.

      قىزىل ئىزلارنى تەكشۈرۈش: نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى قىزىل خاتىرىلەر، قىزىل بايلىق مەنبەلىرى، خەلقنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۈشىنىش.

      قىزىل شەخسلەرنى زىيارەت قىلىش: ئەتراپىدىكى شەخسلەرنى ئىزدەپ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل ۋە ئەتراپىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى، شۇنداقلا ئىلغار پارتىيە تەشكىلىنىڭ ‹‹ئىلغارلىقنى تالىشىپ مۇنەۋۋەر بولۇش›› پائالىيىتىدىكى تىپىك تەجرىبىلىرىنى چۈشىنىش.

      ئىككىنچى ماقالە: قىزىل گالىستۇك پارتىيە بايرىقىغا ئوخشاش پارلاق

      ‹‹قىزىل تور بېتى›› قۇرۇش

      ھەرقايسى مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ‹‹قىزىل تور بېتى›› قۇرۇپ بىرىنچى باسقۇچتا ‹‹ئاڭلاش، ئەسلەش، تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش››، ئېرىشكەنلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش كېرەك. تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى تور بېتىنى كۆرۈش ئاساسىدا يەنە ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى تور بېتىدە ئېلان قېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

      ‹‹قىزىل بىلوگ›› ئېچىش

      تور بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەخسۇس قىزىل بىلوگنى قۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ۋاقىتدا خەۋەر قىلىپ، بالىلارنىڭ ئويى ۋە ھېس قىلغانلىرى توغرىسىدا ئەركىن – ئازادە سۆزلىشىش.

      ‹‹قىزىل قىسقا ئۇچۇر›› ئىجاد قىلىش

      ئاتا – ئانىسىنىڭ يانفونى ئارقىلىق ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش››نى تېما قىلغان ‹‹قىزىل قىسقا ئۇچۇر›› يېزىپ، ئەتراپىدىكى بەش يېقىن دوستىغا ئەۋەتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى مەدھىيەلەپ، پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر تىلىكىنى ئىپادىلەش كېرەك.

      ‹‹قىزىل خەت›› يېزىش

      ‹‹قىزىل شەخسلەرنى زىيارەت›› قىلىشتىكى زىيارەت ئوبيېكتى، چوڭ – كىچىك قول تۇتۇشقان دوستلارغا قىزىل خەت يېزىپ، پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەدھىيەلەپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، پىيونېرلارنىڭ پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى، ۋەتەنگە بولغان سادىقلىقىنى ئىپادىلەپ، قىزىل گالىستۇكنىڭ ساب قەلبى، غايە، ئېتىقادى ۋە پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىدىغان ئىرادىسىنى يېزىپ چىقىش كېرەك.

      ئۈچىنچى ماقالە: مەن پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىمەن

      ‹‹قىزىل گالىستۇك بىلەن پارتىيە بايرىقى ئورتاق لەپىلدەيدۇ›› پائالىيىتىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەپ، بارلىق پىيونېرلارنى ئۇلارنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ پارتىيە بايرىقى ئاستىدا خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر