باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

گاۋشەنلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

 
      * سېۋەتكە توپ تاشلاش ئويۇنى

      گاۋشەن ياشلىرىنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان پائالىيىتىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇنغا كۆپىنچە توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەر قاتنىشىدۇ. قىزلار سېۋەتنى يۈدۈپ يۈگۈرەيدۇ، ئوغۇللار ئاپېلسىن ياكى تىكتاك توپنى سېۋەتكە تاشلاپ كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

      * ئوۋچىلىق ئويۇنى

گاۋشەنلەرنىڭ مول - ھوسۇلنى تەبرىكلەيدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچىلىق ئويۇنى تاغ ئوۋچلىقى ۋە سۇ ئوۋچىلىقىغا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئويۇندا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق قورال ئوقيا بىلەن ئۈچ قىرلىق پىچاقتىن ئىبارەت.

 

 

      * بامبۇك بىلەن يىقىتىش ئويۇنى

      گاۋشەنلەر ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى. بۇ ئويۇندا ئىككى كىشى ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تال بامبۇك تايىقىنى تۇتۇپ، دىيامېتىرى ئىككى مېتىر كېلىدىغان چەمبەر ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ، بىر -بىرىنى ئىتتىرىش، تارتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قارشى تەرەپنى چەمبەردىن چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. چەمبەردىن چىقىپ كەتكەن كىشى يېڭىلگەن بولىدۇ.

      * توپ سانجىش ئويۇنى

      تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭدۇڭ، چاۋجۇ رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق گاۋشەنلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇنغا پەقەت ئەرلەر قاتنىشىدۇ، ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن نەيزىلىرىنى چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئاسمانغا ئېتىلغان توپنى بەس - بەستە تالىشىپ سانجىشىدۇ. بىرىنچى توپ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى توپقا بىر تال پەي سانجىپ قويۇلىدۇ. توپ نەيزىگە سانجىلسا، بۇ خەيرلىكنى، قابىلىيىتى بارلىقىنى، ھەممە ئىشنىڭ ئوڭدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە بەش توپ بىر ئايلانما ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى توپ ئاسمانغا ئېتىلىپ نەيزىگە سانجىلغاندىن كېيىن، ئويۇن غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

تەييارلىغۇچى: پولات ئاماننۇرى

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مېھراي