باش بەت | مەكتەپلەر

جياڭسۇ ئۆلكىلىك ‹‹پورت›› ئوتتۇرا مەكتىپى

      ‹‹پورت›› ئوتتۇرا مەكتىپى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ شەھىرىگە جايلاشقان، تارىخى ئۇزاق، مول مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە داڭلىق مەكتەپ. بۇ مەكتەپ 1926 - يىلى قۇرۇلغان، 2001 - يىلى 4 - ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك نەمۇنىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان، 2003 - يىلى 11 - ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان. بۇ مەكتەپتە ھازىر 252 ئوقۇتقۇچى بار، ئوتتۇرا ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار نىسبىتى%70كە يېتىدۇ، 56 سىنىپ، 3000 ئوقۇغۇچىسى بار.

 

      2005 - يىللىق كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن بۇيان، مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى تەسىس قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ھازىر يەتتە سىنىپتا شىنجاڭلىق 310 ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.

      بۇ مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ‹‹ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، بىخەتەرلىك بىرىنچى، قاتتىق باشقۇرۇش، ئاساسنى پۇختىلاش، ئالاھىدىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش››تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش پىكىر يولى ۋە ‹‹ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، سەرخىللاشتۇرۇش››تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، زور نەتىجە قازاندى.

      2009 - يىلى 9 - ئايدا مەكتەپ گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ‹‹5 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. مەكتەپنىڭ شىنجاڭ سىنىپى بۆلۈمى ‹‹مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئائىلىسى››، ‹‹جياڭسۇ ئۆلكىسى بويىچە نەمۇنىلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئائىلىسى››، ‹‹تەيجۇ شەھىرى بويىچە ئاياللار نەمۇنىلىك ئىش ئورنى›› ۋە ‹‹گاۋگاڭ رايونى بويىچە 1 - ماي مەدەنىيلىك نەمۇنىلىك ئىش ئورنى›› بولۇپ باھالاندى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان