باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

مېيىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئارزۇسى

سۈرەتتە: ھەسەن توختى مۇئەللىم.

      ئوقۇتقۇچىلىق ئەسلىدىلا جاپالىق خىزمەت، شۇنداق بولسىمۇ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار باشقىلار بېرىشنى خالىمايدىغان چەت - ياقا جاپالىق جايلاردا ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرى ئۈچۈن قان - تەرىنى سەرپ قىلماقتا، تۇرپان شەھەرلىك جاي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ھەسەن توختى دەل شۇلارنىڭ مىسالى، ئۇ گەرچە مېيىپ بولسىمۇ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا 28 يىل تىرىشىپ ئىشلىگەن. ھەسەن توختى مۇئەللىمنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز 25 - فېۋرال تۇرپانغا يېتىپ كەلدۇق. بىز مەكتەپكە يېتىپ بارغىنىمىزدا، ھەسەن توختى مۇئەللىم بالىلارغا خەنزۇ تىلىدىن كارىزغا ئائىت دەرس ئۆتۈۋاتقان ئىكەن.

 

      ناھايىتى روھلۇق دەرس ئۆتۈۋاتقان ھەسەن توختى مۇئەللىمگە قاراپ ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايسىز، شۇڭلاشقا 40 نەچچە مىنۇت دەم ئالماي ئۆرە تۇرۇش ئۇنىڭدەك بىر پۇتىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۆرە تۇرىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاسان ئەمەس-ئەلۋەتتە. لېكىن دەرستىن كىيىن، ھەسەن توختى مۇئەللىم دەرھال دەم ئالماستىن، بىر قانچە ئوقۇغۇچىسىغا بۈگۈن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئايرىم مۇزاكىرە قىلىپ بەردى.

            دەرستىن چۈشۈپ، ئىشخانىسىغا قايتقاندا، ھەسەن توختى مۇئەللىم خېلىلا ئاقساپ ماڭدى، ئىشخانىغا كىرگەندىن كىيىن، پۇتىنى تېڭىپ قويغان داكىنى ئالماشتۇردى، ئۇزاق ئۆرە تۇرغانلىقتىن ئۇنىڭ تاپىنىدىكى يارا ئېغىزىدىن قان چىقىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن ئاۋايلاپ داكا ئالماشتۇرۇۋاتقان ھەسەن توختى مۇئەللىمنىڭ چىرايىدىن ئازاپلانغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىم. ئۇ بىزگە مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم بالىلارغا خەنزۇتىلى ياخشى ئۆگىتىش دېدى.

      ھەسەن توختى مۇئەللىم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۆزى تەلەپ قىلىپ چەت ۋە جاپالىق چىگە بولاق كەنتىدە 18 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى يىلىدىكى تاللىشىغا يۈز كېلەلىگەن، ئۇنىڭدىن ھازىر پۇشايمان قىلامسىز دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ: بەزىدە سالامەتلىكىم ۋە ئائىلىدىكىلىرىمنى ئويلىغىنىمدا ياخشىراق يەردە ئىشلىگەن بولسام بوپتىكەن دەپمۇ ئويلايمەن، ئەمما يەنە بىر قېتىم تاللاش پۇرسىتى بولسا، يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللايمەن، چۈنكى خەنزۇ تىلىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھازىرمۇ كەمچىل، ئەگەر مەن چېكىنسەم بالىلارغا خەنزۇ تىلىنى كىم ئۆگىتىدۇ؟! دېدى.

     سۈرەتتە: تۇرپان شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن نىياز جاپالىق جايلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەردى.

      سۈرەتتە: جاي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خاسىيەتگۈل خېلىل، ھەسەن توختى مۇئەللىمنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەردى.

      ھەسەن توختى مۇئەللىم 2006 - يىلى تۇرپان شەھەرلىك جاي ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلدى، ھازىر ھەسەن توختى مۇئەللىم بۇ مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، شۇنداق يېزىلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقسىز بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان.

      جاپانىڭ تىگى ئالتۇن دېگەندەك، ھەسەن توختى مۇئەللىم ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئۇدا 32 يىل مەكتەپ ۋە يېزا بويىچە ئىلغار ئوقۇتقۇچى، ئىلغار پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان، ئۇدا 15 يىل شەھەر دەرىجىلىك ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالانغان، 1995 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ‹‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى››› بولۇپ باھالانغان. 2005 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ‹‹ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالانغان. خۇددى ھەسەن توختى مۇئەللىم ئېيتقانغا ئوخشاش، بۇ نەتىجىلەر ئۇنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىگە مەدەت بولغان.

      بىر ئوقۇتقۇچىغا ئەڭ توغرا باھا بېرىدىغانلار يەنىلا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ھەسەن توختى مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەللىمىگە يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتتى، بىر قىز ئوقۇغۇچى مەن چوڭ بولغاندا دوختۇر بولۇپ مۇئەللىمىنىڭ پۇتىنى داۋالاپ قويىمەن دېدى. مېنىڭچە ھەسەن توختى مۇئەللىم بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىدا، چوقۇم چىن دىلىدىن خۇشال بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلار خەنزۇ تىلىدا راۋان سۆزلىگىنىدە، ھەسەن توختى مۇئەللىم ئاللىقاچان ئارزۇسىغا يەتكەن بولىدۇ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاققۇزغان ھەربىر تامچە تەرىمۇ ئۆز قەدرىنى تاپقان بولىدۇ. ئاخىرىدا بىز ھەسەن توختى مۇئەللىمگە ئوخشاش جاپالىق رايونلاردا مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان تۆھپىكار باغۋەنلەرگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، رەھمەت سىلەرگە، جاپا چەكتىڭلار!

  

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر