باش بەت | سەيلىگاھلار

قىزىل ئالۋاستى قەلئەسى AA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولدى

     قۇربان مولنىياز خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى دۆلەتنىڭ ‹‹ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش چارىسى››غا ئاساسەن، باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل ئالۋاستى قەلئەسىگە دۆلەتنىڭ AA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، دەپ نام بەردى.

      6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قىزىل ئالۋاستى قەلئەسى باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ شىمالىغا ئون كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئورۇن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولغان قارا 2 – گازلىقى بىلەن تۇتىشىدۇ، دائىرىسى ئالتە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جاي سان – ساناقسىز چوققىلار تەرەپ – تەرەپتىن كېسىشىپ، ئۆزگىچە سىرلىق تۇيغۇ بېرىدىغان تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

      قىزىل ئالۋاستى قەلئەسى بۇلتۇر تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ساياھەت بايلىقىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى. ساياھەت يېتەكچىلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل بولغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، مۇھىت ئاسراش ھاجەتخانىسى، ساياھەت يولى ياساپ، كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئاساسىنى تۇرغۇزدى.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر