باش بەت | پىسخىكا

بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى

      بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى ئېلىمىز ۋە دۇنيا مىقياسىدا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىۋاتقان، شۇنداقلا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئالداپ كېتىلىشى، سەرگەردان، جىنايى ئىشلارنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىشىنىڭ، ھەتتا جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ تۈپ مەنبەسىدۇر.

      بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، پىسخولوگىيە جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ بەك چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ئۆيدىن چىقىپ كېتىش بىلەنلا جەمئىيەتتىكى ئوخشاشمايدىغان يامان ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ھادىسىنىڭ بالىنىڭ ئۆزىگە، ئاتا - ئانىسىغا، ئائىلىسىگە كەلتۈرىدىغان روھىي ئازابى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

      بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بولماستىن، بەلكى شۇ بالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىنىڭ، مەڭگۈ ئازابلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ باشلىنىشىدۇر. بالا ئۆيدىن چىقىپ كېتىش بىلەن ئۇ دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە ئۇنىڭ تاماق ۋە ياتىدىغان جاي مەسىلىسى بولۇپ، بۇنداق بالىلار ھەممىدىن مۇھىمى ئاتا - ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدىن، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولغاچقا، روھىي دۇنياسى تولىمۇ ئاجىز ھەم چۈشكۈن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بالا ئۆيدىن چىقىپ كېتىش بىلەن جەمئىيەتتە سادىر بولۇۋاتقان بەزى يامان ئىش - ھەرىكەتلەر ئۇلارنىڭ بالىلىق كۆز قارىشى، قىزىقىشىغا ناچار تەسىرلەرنى بېرىدۇ. نەتىجىدە بەزى بالىلار ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالىدۇ.

      بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشى بالىنىڭ ئۆزىگە، ئاتا - ئانىسىغا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئازاب ۋە خەتەر ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتتىمۇ شۇ ئائىلىگە قارىتا ئىنتايىن يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنساننىڭ تۇرمۇش مۇساپىسى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇ ھېچقاچان ئۇنداق ئوڭۇشلۇق، كۆڭۈللۈك بولىۋەرمەيدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشى، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئۇلارغا تەلەپنى يۇقىرى ھەم قاتتىق قويۇشى، مۇئەللىمىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىك تەنقىد قىلىشى، ساۋاقداش، دوستلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشى... دېگەندەك ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھامان بولۇپ تۇرىدىغان نورمال ئەھۋاللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

      ئىگىلىنىشىچە، بالىلاردىكى بۇنداق ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار يەنىلا ئائىلە بىلەن بالىنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەنلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئاساسلىقى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىنىڭ ئازغىنە سەۋەنلىكىگە قارىتا قوپاللىق قىلىشى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزئارا ئىناق ئۆتمەستىن، ھە دېسىلا بالىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان ‹‹دۇمباق›› ياكى ‹‹قۇم خالتىسى›› قىلىۋېلىپ تىللاپ، ئۇرۇپ خورلىشى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك بالىنىڭ ئارىدا ئېتىبارسىز، ئىگىسىز قېلىشى، ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا كۆيۈنۈشنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئۆزئارا پىكىرلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئاز بولۇشى ياكى بولماسلىقى، بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا تايىنىۋېلىش ئىدىيىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، ھەتتا ئۆگىنىش ياكى دوستلىرى ئارا يولۇققان مەسىلىلەرنىمۇ ئۆزى تىرىشىپ ھەل قىلماي، ئائىلىسىگە ئىتتىرىپ قويۇشى، ماختاشنىلا ياقتۇرۇپ، تەنقىد - تەربىيىنى كۆتۈرەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئائىلىسىدىن ياردەم ئالالمىسىلا ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئائىلىسىگە بېسىم سېلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالا ئۆزىدە ئەتراپىدىكى ھەر قانداق ئىشقا ھەددىدىن ئارتۇق قىزىقىش بولۇپ، لېكىن شۇ ئىشلارنى چۈشىنىشكە، ھەل قىلىشقا تەدبىر تاپالمىسا، ئۇنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئۆيدىن چىقىپ كېتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

      بالا ئۆزلۈكىدىن چوڭ بولۇپ قالمايدۇ. بالا تەربىيىسى ئىلمىيلىكنى، مېھىر - مۇھەببەتنى، كۆڭۈل بۆلۈشنى، بالا ئۈچۈن ئىللىقلىق، باراۋەر، بىخەتەر ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەم ئائىلىۋى ھەم ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مۇرەككەپ مەسىلە. بالىلىق دەۋرىدە بالىلار ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولىدىغان ياردەم ئۇلارنى ئۆزىگە چېتىشلىقى بولغان ئىشلاردا ياخشى مەسلىھەت بېرىپ، توغرا يولغا يېتەكلەش، ئۇلارغا ھەر بىر يولۇققان مەسىلىنىڭ ياخشى - يامان تەرىپىنى، پەرقىنى داۋاملىق چۈشەندۈرۈپ تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

      بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش مەسىلىسىنى بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭمۇ توغرا چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇڭا مەيلى ئاتا - ئانىلار، مەكتەپ بولسۇن ياكى جەمئىيەتتىكى بالىلار خىزمىتى دائىرىسىدە بولسۇن، ھەر دائىم بۇ جەھەتتىكى تەربىيىنى بالىلارغا بالدۇرراق ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر، ئەلۋەتتە.

      بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش مەسىلىسىدە ئاتا - ئانىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز: بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئاقىۋىتىنىڭ بەك خەتەرلىك شۇنداقلا تەسىرى يامان ئىش ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە ئۈندەش خاراكتېرىدىكى ھەر قانداق گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەتلىرىگە ئىشەنمەسلىكىنى دائىم جېكىلەپ تۇرۇشى، شۇنداقلا بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك روھىي ھالىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا ماھىر بولۇشى لازىم .

      جەمئىيەتتىكى ھەر بىر بالىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ئۆيدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاتا - ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىمىز:

      ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى بالىلىرىنىڭ ھۆرمىتى، ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىسىنىڭ كۆز قاراش، ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشى، بالىسىنى چۈشىنىشى، ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ھەم ئالدىنقى ۋەزىپىسى قىلالىشى كېرەك.

      ئاتا - ئانا بالىلىرىنىڭ دوستى بولالىشى، بالىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلىيالايدىغان، بالىلىرىنىڭ سەۋەنلىكى، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىپ، شۇ مەسىلە ئۈستىدە بالىسى بىلەن پىكىرلىشەلەيدىغان سەۋرچانلىق خىسلەتنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىشى لازىم.

      ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشقا، ئۇلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەردە ئۇلار بىلەن بىللە تەدبىر تۈزىشىپ، توغرا مەسلىھەت بەرگەندە بالىدا ئائىلىسىگە، ئاتا - ئانىسىغا نىسبەتەن ئىشەنچ، توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى مەقسەتسىز، تاسادىپىي، يېنىكلىك بىلەن قىزىقىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    بىرەر قېتىملىق روھىي رىغبەت قىيىن ئەھۋالدا تۇرغان ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن ئالەمچە روھىي ئوزۇق. شۇڭا سىز بالىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، ئەلۋەتتە.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان