باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئالتە خىل كۆكتاتنى سېتىۋالماڭ

      بەك قاتتىق پەمىدۇر. پەمىدۇرغا ئىشلىتىلگەن ھورمۇن كۆپ بولغانسېرى پەمىدۇر شۇنچە قاتتىق بولىدۇ. شۇڭا ئىمكانقەدەر بۇنداق پەمىدۇرنى سېتىۋالماسلىق ياكى سېتىۋالغان ھامان يېمەسلىك لازىم. ئىككى، ئۈچ كۈننى ئۆتكۈزۈپ پەمىدۇر يۇمشىغاندا يېسە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان قىزارتقۇچى ھورمۇن يوقايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېشى قىزىل، ئېتى يېشىل پەمىدۇرغا پىشىشنى تېزلىتىدىغان دورا ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

      يېرىق تۇرۇپ، قوغۇن - تاۋۇز. بۇنداق قوغۇن - تاۋۇز، تۇرۇپنى ئەڭ ياخشىسى يېمەڭ. يېسىڭىز قۇرتلارنىڭ زىيانكەشكىلىگە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن.

      داۋاملىق يوغىنايدىغان تەرخەمەك. تەرخەمەكنى سېتىۋېلىپ بىر ئاخشام قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ئەتىسى چوڭىيىپ قالغان بولسا، بۇ تەرخەمەككە يوغىنىتىش دورىسى ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

      رەڭگى سۇس كۆكتاتلار. پارنىكتىكى كۆكتات كۈن نۇرىدا ئۆسكەن كۆكتاتتەك كۆركەم بولمايدۇ. يوپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگى سۇس، ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، كۆكتات سېتىۋالغاندا رەڭگى قېنىقنى تاللاش كېرەك.

      غەيرىي پۇرىقى بار كۆكتات. دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەن ياكى سۈپىتى ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىلگەن كۆكتاتلاردا دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان غەيرىي پۇراق بولىدۇ. شۇڭا سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن پۇراپ بېقىڭ.

      يۇيۇلغان كۆكتات. يۇيۇلغان كۆكتاتتا باكتېرىيە مەسلىسى مەۋجۇت. كۆكتاتنى سۇ ياكى تۇزغا چىلاپ قويغان تەقدىردىمۇ باكتېرىيە يوقىمايدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان