باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

كەلگۈسىدە ئاپتوموبىللار ‹‹پاراڭلىشالايدۇ››

      ئامېرىكا ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى لايىھەلىگەن كەلگۈسى نۇسخىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل تېخىمۇ بەك ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلار ‹‹بولۇت ھېسابلاش››قا ئاساسەن ئۇلىنىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، يەنە ئاپتوموبىللار ئارا ‹‹پاراڭلىشالايدۇ››. شوپۇرلارنىڭ يېنىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىلەن ئۇلىنىپ، ئالدىدا ھەق ئېلىش پونكىتى ياكى قاتناش بەلگە چىرىغى بارلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرىدۇ، توك قاچىلاش پونكىتىدا قايسى ۋاقىتتا ۋە قانچىلىك ۋاقىتتا قاچىلاپ بولىدىغانلىقىنى ئۆلچەپ بېكىتەلەيدۇ. كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىللار قاتنايدىغان يوللار تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ، شوپۇرلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈش دائىرىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ چاغدا ئاپتوموبىللار ئەقلىي ئىقتىدارى ئارقىلىق بەلكىم باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن ‹‹پاراڭلىشىپ››، سوقۇلۇش ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان